ئۇيغۇرلار پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋىزىسىنى كۈتۈپ ياتقان پاكىستاندىكى بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر ھەجىچى، دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئولتۇرۇۋالغان ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ 2000 غا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇيغۇر ھەجىچىلەر بىر قانچە ئايدىن بېرى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋىزىسىنى كۈتۈپ ياتقان بولسىمۇ، لېكىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ھەجىچىلەرگە ئىجابىي جاۋاپ بەرمىگەن ئىدى. بۇ ۋەقە دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

"بىز پەقەت ھەجگە بارماقچى"

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشنى "بېشىغا دوپپا كىيگەن، ئۇزۇن يەكتەكلىك كۆپ قىسىمى ياشانغان كىشىلەر ئىسلامئابادتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا كىرىدىغان دەرەخلىك كوچىنىڭ ئېغىزىدسا ئولتۇرۇۋالدى. بەزىلەر كوچىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇماقتا ئىدى،" دەپ خەۋەر قىلغان.

پاكىستاندا ياشايدىغان ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر، ھەجىچىلەرنىڭ 2- 3 كۈندىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاياللار ئەركەكلەرنىڭ ئارقا سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە بەزى ئاياللار چىم ۋە سېمونت يولغا يوتقان - كەرپە سېلىپ ئولتۇرغان. 80 ياشلاردىكى مەمەت داۋۇت ئىسىملىك بىر ھەجىچى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "بىزنىڭ سىياسى مۇددىئارىمىز يوق، بىز پەقەت ھەجگە بارماقچى، "دەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى بىر قانچە ئايدىن بېرى ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. مەمەت داۋۇت، "ۋىزا تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىزغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىزگە ۋىزا بەرمىدى، " دەپ تەكىتلىگەن.

سەئۇدىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى: ھۆكۈمىتىمىز بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى يىتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇ ۋەقە مۇناسىۋتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا خەت يېزىپ، سەئۇدى دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ھەج قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ئۈندىگەن. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ "ھۆكۈمىتىمىز بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆللىۋاتىدۇ" دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى يېقىندا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تۇيۇقسىز فاكس يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتى ۋە جوڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە جوڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەج ۋىزىسىنى بېيجىڭدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن ئېلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خېتىدە "قايتىپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئاپتوبۇس پۇلىنى كۆتۈرىمىز، ئايرۇپىلان بېلىتى بارلارنىڭ يېرىم پۇلىنى تۆلەيمىز، " دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەجىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى "پاكىستان قانۇنلىرىغا خىلاپ، جۇڭگونىڭ ئوبرويىنى چۈشۈرگەنلىك، " دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىنى دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ھەجىچىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ماقۇل بولسا، ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەجىچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئۈندىمەكتە.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىر باياناتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بۇ يىل 5 - ئايدا 3 - دۆلەتتىن ھەجگە بارماقچى بولغان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلچىخانا باياناتچىسى، " بىز ئۇلارغا قايتىپ كېتىپ بېيجىڭدىن ۋىزا ئېلىشنى ئېيتتۇق. ئۇلارنىڭ يېرىمى قايتىپ كەتتى، "دەيدۇ.

پاكىستاندا ياشايدىغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ 25% ھەج قىلالماي يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىپ قېلىپ قالغان ھەجىچىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بېرى پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلماي كەلمەكتە ئىدى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتار سودا - ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىملەر ئىمزالىغان. (ئەركىن)