ھەج پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا


2007.12.19

ھەج، ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئاساسلىق شەرتىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش پەرز قىلىنغان. ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش، بۇ يىلمۇ مىليونلىغان مۇسۇلمان، ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولدى ۋە 12‏- ئاينىڭ 18‏- كۈنى ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان مەككە يېنىدىكى ئەرەفات تېغىدىكى ئىبادىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھاجى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى.

بۇ يىل يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە يىغىلغان مىليونلىغان مۇسۇلمان، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق بەش شەرتىنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىنى بىجا كەلتۈرۈپ، ھاجى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى.

ھەجنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ھەج ئىبادىتى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ ھەجنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.