يېڭىسار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەرزدار ھېكىم سىيىتتىن ئەپۇ سورىغان

ھېكىم سىيىت ئەرزىنى 2007 - يىلى باشلىغان. ئەرزى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرى جاڭدۇ تېرىش پىلانى ۋە بۇ سەۋەبلىك يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە بولغان. ئۇ تۇنجى قېتىم ئەرزنى كۆتۈرۈپ ناھىيىگە بارغىنىدا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنى 15 كۈنى تۈرمىگە سولاپ قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.04.15
Dixan-Awaz-Hekim-S3-305 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﺎﯕﺪﯗﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئەمما ھېكىم سىيىت ئەرزىدىن ۋاز كەچمىگەن. دەسلەپ قەشقەر، ئاندىن ئۈرۈمچى، ئۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ بولۇپ، ئون نەچچە قېتىم ئەرز قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان. ئۇ سەپەردىن يېڭىسار ساقچىلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئۇ ئاخىرى ئەرز مېتودىنى ئالماشتۇرغان، مەسىلىنى ئىنتەرنەت ۋە ئاخبارات ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان.

ھېكىم سىيىتنىڭ " يېشىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شىكايەت فىلىمى "يوئۇتۇبې" تورىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى رادىيومىز تەرىپىدىن ئىنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ دۇنياغا تارقىتىلغان. يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ھېكىم سىيىتقا قارىتا دائىرىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان. يېڭىسار ناھىيە سۆگەت يېزا 2 - كەنتتنىڭ مەسئۇلى غاپپار توختى، ھېكىم سىيىتنىڭ ئەرزى ھەققىدە سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى.

نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، ۋە ھاشارنى توختاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەرزدار ھېكىم سىيىت ئۆز ئەرزىنىڭ بۇ تۈر نەتىجىسىدىن مەمنۇن. ئەمما ئۇ دېھقانلار تارتقان زىياننىڭ مۇنداقلا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكىنى، خىتاينىڭ پەن تېخنىكا قانۇنى بويىچە ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ دېھقانلارغا زىيان تۆلەپ بېرىشىنى، ئەپۇنى يالغۇز ھېكىم سىيىتىتىن ئەمەس، ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن پۈتۈن ناھىيە خەلقىدىن سورىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇ يەنە ئۇنى 15 كۈن ناھەق قاماپ قويغان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ياكى ناھەق جازالىغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئۆتكەن ئايدا ھېكىم سىيىتقا ناھىيە تەرەپ جايلىق يەر كېسىپ بەرگەن، ئانىسىنىڭ قورا جايىنى رېمونت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ھېكىم سىيىت بۇنىڭدىن رازى ئەمەس، چۈنكى بۇ ناھىيە خەلقى تارتقان زىيان ئەمەس، ئۇ ئۆزى تارتقان زىياننىمۇ قاپلىغۇدەك مىقداردا ئەمەس.

ھېكىم سىيىت ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا ئاتلانغان. بىراق قەشقەرگە كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. نۆۋەتتە ساقچىلار بىلەن ھېكىم سىيىت ئارىسىدا مەزكۇر ئەرز ئۈستىدە بەلگىلىك غەيرىي رەسمىي كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئەمما كېلىشىمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.