شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار


2006.04.26
shht-rusiye-xitay150.jpg
26 - ئاپرىل كۈنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Sergei Ivanov بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. AFP

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 25-26-ئاپرىل كۈنلىرى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا جەم بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىق پىلانلىرى ماقۇللانغان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن ، ئۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي تەشكىلات ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى بۇ يىل بېيجىڭدا ئېچىلىش نۆۋىتىگە ئېرىشتى. بۇ يىغىنغا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن ھەمدە قازاقىستان، قىرغىزىستان ،ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى باش قوشتى. بۇ يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ھەربىي سىياسىي ۋەزىيىتى، خەلقئارالىق ھەربىي-سىياسىي مەسىلىلەر شۇنىڭدەك يەنە رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەمدە تېررورچىلىق، قانۇنسىز قورال-ياراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قاتارلىقلارغا قارشى ئورتاق كۈرەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەرىكەت پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق باياننامىسىغا ئىمزا قويۇلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ھەربىي مەقسىتى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى تۇرۇش

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئورتاق باياننامىدا ئاساسلىقى ئون نەچچە نۇقتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، باياننامىنىڭ بېشىدىلا يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت مۇداپىئە " مىنىستىرلىرى ھازىر، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك، كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ كېڭىيىشى، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلىك، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق يېڭى تەھدىد ۋە يېڭى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا، شۇڭا پەقەت رايون خاراكتېرلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك خەلقئارالىق ھەمكارلىقلار ئارقىلىقلا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

باياننامىدا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەم ئەسەبىيلىك شۇنىڭدەك زەھەرلىك چېكىملىك ، قورال -ياراق ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىرزايېۋ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭ مىنىستىرلارنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ باشقا ئۈچىنچى دۆلەتكە قارىتىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن مەزكۇر خىتاي ھەربىي رەھبىرى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، " ئۈچ خىل كۈچ"كە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يېڭىلىقلىرى

KAZAKHSTAN-RUSSIA-CHINA--59.gif
2005-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا. AFP

بۇ قېتىمقى يىغىن بىر قانچە يېڭىلىقلارغا دۇچ كەلدى. مىنىستىرلار ئاخىرىدا بىردەك ھالدا 2007-يىلى رۇسىيە تەۋەسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇنداق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 2002-يىلى 10-ئايدا خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا، 2003-يىلى شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى كۈچىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. دېمەك، بۇ قېتىم رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، كونكرېت قەيەردە بولىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭەيمەكچى

رۇسىيىنىڭ سترانا.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بۇ قېتىم بېلارۇسىيىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېلارۇسىيە گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بولمىسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكو شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېلارۇسىيىنىڭ ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا قارشى ئەمەسلىكىكە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .ئىران مەسىلىسىدە بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى موسكۋادا زىيارەتتە بولغان ئىران تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمى كىرىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيىگە بېرىلگەن ئىدى.

رۇسىيىنىڭ ستاران.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىگە بولغان مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى قوغدىمايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىراننىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، چۈنكى ئىران پەقەتلا بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچىسى " دەپ بىلدۈرۈش ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىراننى قوغدايدۇ دېگەن قاراشلارنى ئىنكار قىلغان. ئەمما، ئۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىران مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلىسى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاستاندا ئېچىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى تاقالغان ئىدى. يېقىندا قىرغىزىستان تەرەپ ئامېرىكىغا بىشەكتىكى بازا ئۈچۈن 200 مىليون دوللار كىرا ھەققى تۆلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان قىرغىزىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوپ، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خۇلاسىلىرىدىن كېيىن بازىغا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زادى كىمگە قارشى؟

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2001-يىلىدىكى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا ۋە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي، بىخەتەرلىك ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا شۇنىڭدەك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىدا ئاشكارا ھالدا " شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"گە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش، "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراش" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى مۇددىئا قىلغان ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى مۇھىم مەقسەت قىلغان.

كۆپىنچە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدىكى ، ھەربىي -سىياسىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇددىئا قىلغان ھەربىي -سىياسىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. لېكىن ، خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى بۇ باھانى ئىزچىل ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق دېگەن شوئار ئاستىدا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھېچ قاچان ئىنكار قىلغان ئەمەس.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.