قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقتا

0:00 / 0:00

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى بۇ يىل بىشكەكتە ئۆتكۈزىلىش نۆۋىتى كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئوز ئىچىگە ئالغان جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي بىلەن تەررورىزىمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش كېلىشىمى تۇزگەن. بىشكەك رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ بىشكەكتە ئەچىلىشىنى زور ۋەقە سۇپىتىدە كۆرۈش بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنى قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.