ئالەم بوشلۇقىدىمۇ خىتاينىڭ ئەخلەتلىرى لەيلەيدۇ


2007.01.22

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ئاۋىئاتسىيە ھەپتىلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى 11 ‏- يانۋار كۈنى خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان قوراللارنى سىناق قىلىپ، بۇنداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۆزى 1999 ‏- يىلى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى 800 كلومېتىردىن ئارتۇق ئىگىزلكتە پاچاقلىغانلىقىنى بايقىغان.

ئامېرىكا خىتايدىن سۈنئىي ھەمراھقا ھۇجۇم قىلىدىغان قورالنى سىناق قىلىشنىڭ مەقسىتىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال سىناق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى كېلىپ چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن. ئاقساراينىڭ ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "خىتاي ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ پارتلىتىپ، ئۇنى تازىلىمىغان" دەپ ئەيىبلەپ، خىتايدىن بۇنداق ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورالنى سىناق قىلىشنىڭ مەقسىتىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتاسى "ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بارمايدۇ" دەپ جاكارلىغان. ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر جىم تۇرۇۋىلىپ، قويۇلغان سۇئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرماقتا.

خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى چوڭ ئۆزگىرىش ياساۋاتىدۇ

پەنتىگاننىڭ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى ھازىر چوڭ ئۆزگىرىش ياساۋاتىدۇ، ئۆز تۇپرىقىدا تىركىشىش جېڭى ئېلىپ بېرىشنىلا نىشان قىلغان خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ھازىر رەقىبلىرى بىلەن يۇقىرىي تېخنىكىلىق قىسقا ۋاقىتلىق زامانىۋىي جەڭ قىلىشنى نىشانلىغان ھەربىي قىسىمغا ئايلانماقتا.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي خىراجەتلەرنى 3 ھەسسە ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھازىر رايون خاراكتېرلىك ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، يادرو قوراللىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك تەھدىت بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ چىقماقتا. ئالەم بوشلۇقىدا خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللارنى سىناق قىلغانلىقى كۆپىنچە ھالدا سۈنئىي ھەمراھلارغا تايىنىپ ھەربىي ئالاقە قىلىدىغان ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر سەزگۈر مەسىلە.

جورجى بۇش 2003 ‏- يىلى "ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلغان دۈشمىنىگە زەربە بېرىدۇ" دەپ جاكارلىغان ئىدى

لاۋرا گرىگو خانىمنىڭ "يەرشارى بىخەتەرلىكى" ژۇرنىلدا ئېلان قىلغان "سۈنئيى ھەمراھلارغا قارشى تۇرىدىغان قوراللار تارىخى" دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1950 ‏- يىللاردىن باشلاپلا سۈنئىي ھەمراھلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولىستىك بومبا ياساشقا كىرىشكەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1960 ‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ U-2 بەلگىلىك جاسۇسلۇق ئايرۇپىلانىنى سۈنئىي ھەمراھقا ھۇجۇم قىلىدىغان قورال بىلەن ئاتقاندىن كېيىنكى 40 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئالەم بوشلۇقىدا قوللىنىدىغان ھەربىي قوراللارنى چەكلەش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. 1963 ‏- يىلى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇنداق قوراللارنى قىسمەن چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1976 ‏- يىلىدىن باشلاپ بۇنداق قوراللارنى 160 كلومېتىرلىق ئىگىزلىكتىن 1600 كىلومېتىرلىق ئىگىزلىككىچە بولغان دائىرىدە سىناق قىلىشنى توختاتتى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يېڭى چەكلىمىلەر ئىمزالىنىپ تۇردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 2003 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا، دۇنيادا ئالەم بوشلۇقىدىكى پەن- تېخنىكا ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان تېخنىكىلارنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوزغىتىلغان نۇر تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا "ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلغان دۈشمىنىگە زەربە بېرىدۇ" دەپ جاكارلىدى.

جاللات قولىدىكى خەنجەرنى كوكتات توغراش ئۈچۈن دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟

ب ب س نىڭ تور بېتىگە خوڭكوڭدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىدىن بىر نەچچە ئون يىل كېيىن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئالەم بوشلۇقىدىن قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ، لېكىن خىتاي ئۇنداق قىلالمايدۇ. خىتاي ھازىرقى ئالەم تېخنىكىسىنى غەربتىن ئوغرىلاپ كەلگەن، ئەمما ھەممىنى تولۇق ئوغرىلاپ كېلەلمىگەچكە، خىتاي ھازىر ئۆزى چىقارغان سۈنئىي ھەمراھلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۆزى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان سۈنئىي ھەمراھ كونىراپ كەتكەندە ئۇنى ئېتىپ پارتلىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولغان ئالەم بوشلۇقىدا ئەخلەت پەيدا قىلماقتا،جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى ساقتا تېخنىكا" دېيىلگەن. شېنجېندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "ئامېرىكىغا يېتىشىۋالىمىز دېگەن شۇئار ئەمەلگە ئاشتى، ئامېرىكىدا، رۇسىيىدە بار تېخنىكا ھازىر جۇڭگودىمۇ بار، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، بىز بۇنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىمىز" دېيىلگەن. چۇڭچىڭدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "جاللات قولىدىكى خەنجەرنى كوكتات توغراش ئۈچۈن دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟" دېيىلگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.