ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21 - ئىيۇندىن 27 - ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.27

كەلپىن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر مەسچىت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىۋېتىلدى

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر مەسچىت يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن.

 مەسچىت ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى يۇرچى يېزىسى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسچىت قانۇنسىز ھالدا سېلىنغانلىقى ھەمدە بۇ يىل ئاۋغۇستتا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغان لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى مەسچىت تېمىغا چاپلاشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر مەسچىتنى چېقىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

رادىئومىز يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتى تەۋەسىدىكى بۇ مەسچىت تاغلىق مەھەللىگە جايلاشقان بولۇپ، مەسچىتتە كۆپىنچە كەنت تەۋەسىدىكى ئاساسلىق مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى رەت قىلغان ياشلار توپلىشىپ ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ، مانا بۇ مەزكۇر مەسچىتىنىڭ چېقىلىشىدىكى بىر سەۋەب ئىكەن.

قۇمئېرىق كەنتى كادىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسچىت قانۇنسىز سېلىنغان  بولغاچقا،  بۇمۇ مەزكۇر مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. 

ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتايغا قەدەم باستى

ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى، 24 ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جەنجياڭ پورتىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن  تۇنجى قېتىم خىتاي پورتىغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى، ياپونىيىنىڭ مەزكۇر ھەربىي پاراخوتىدا  بۇ قېتىم ئېلىپ كېلىنگىنى قورال  -  ياراق ئەمەس بەلكى، ئەدىيال، چېدىر ئۆي ۋە دورا  -  دورا - دەرمەك قاتارلىق ياردەم ئەسلىھەلىرى بولۇپ،  پاراخوت، سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە خىتايغا كەلگەن.

تارىخىي ۋەقەلەر سەۋەبلىك ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىگە قەدەم بېسىشى خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن سەزگۈر بىر مەسىلە بولۇپ،  ئالدىنقى ئايدا ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتايغا ياردەمگە كېلىدىغانلىق خەۋىرى خىتاي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ ھەپتە جەريانىدا يەنە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە،  ياپونىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەختى ۋە بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلىرىدە خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ۋە ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئەزالار  بېلگىيىنىڭ برۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان  نامايىشقا  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ياۋروپادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ  200 ئەتراپىدىكى كىشى قاتناشقان ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتكۈزۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ ش ت كۈچلىرىگە قارشى ئولىمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇتەخەسسىسلەردە گۇمان قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان ئاساسلىق مەيداننىڭ ئەتراپىغا  ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ياكى ئاتالمىش مەلۇم بىر تېررورچى تەشكىلاتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى قوغدىنىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان "قىزىل بايراق 7 تىپلىق" باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بېيجىڭنىڭ شىمالىدىكى "قۇش ئۇۋىسى" ياكى خىتاي تىلىدا نياۋ ۋو، دەپ ئاتىلىدىغان ئاساسى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ تەخمىنەن بىر كىلومېتىر جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھادىسىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا دائىر يېقىنقى باياناتلىرىغا باغلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ 4 گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 گۇرۇھنى ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان، دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋجۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان خىتاي سىياسىي  تەھلىلچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مەسىلىدە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈمەسلىكى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى ۋە " شەرقىي تۈركىستانچىلار ئولىمپىك مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمايلا قالماي، ھۇجۇم قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا كېرەك. دائىرىلەر ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلماقتا"، دەپ كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

26 ‏ -  ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنى تەشكىللەشتىن مەقسەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىكەن.

نامايىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلاندى. نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەزالىرى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسمى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ياقىلىغۇچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت كۇمار، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋاشىنگتون بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇسى مورىللون خانىملار سۆزگە چىقتى ۋە بۇ يىل ئاۋغۇستتا  خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان  ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئوخشاش نىسبەتتە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى  ھەمدە بۇ خىل باستۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ۋەدىلىرىنىڭ بىرسىگىمۇ ئەمەل قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان لۇسى خانىم بۇ "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى"  دېدى.

نامايىشتا يەنە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جىيەنلى ۋە خىتاي دېموكراتلاردىن چەن مىڭ ۋە ۋاڭ جۈن قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق  دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.