ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى


2005.08.01

ئۆتكەن ھەپتە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قارشى-خان ئابادتىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى، ئالتە ئاي ئىچىدە ئۇ جايدىكى ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ كېتىشنى رەسمى تەلەپ قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئۇ، ئەگەر ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئابادتىكى ھەربىي بازىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دېمەك، 13-مايدىكى ئەنجاندىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ۋاشىنگتون بىلەن تاشكەنتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام كېرىموفنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەنجاندا ئىشلەتكەن قاتتىق قوللۇقىنى تەنقىد قىلىشى شۇنىڭدەك ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس خەلقارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئۆز پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئۇ ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىسلام كېرىموفنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى رەسمى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا 6 ئايلىق مۆھلەت ئېلان قىلىشى كېرىموف تۈزىمىدىن نارازى بولۇپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى، پرېزىدېنت كېرىموفقا بىر مەھەل مەسلىھەتچىلىك قىلغان ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىئا شىتاتىدا ياشايدىغان جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان ئىنكاسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا دىكتاتۇرۇلۇق تۈزۈم تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. كېرىموف ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى خەلقنىڭ تەلەپ قىلغانلىقى دەپ چۈشەندۈرىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ پۈتۈنلەي يالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خەلق ئۇنى خالىمايدۇ. كېرىموف بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارقا تەرەپتىن قوللىشى بىلەن ئۆزىگە زىيانلىق بىر ئويۇن ئوينىدى. ئەمما ، ئۇ بۇ ئويۇندا ئۇتتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ قارشى خان ئابادتىكى ھەربىي بازىسى 2001-يىلى ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جايدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىر قىسىم ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ۋە 800 نەپەر ئەتراپىدا قوشۇنى بار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.