ياپونىيە بىلەن خىتاي ھەربىي تەييارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە


2005.10.19
JAPAN_WAR_SHRINE_KOIZUMI_45.jpg

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەردە دائىم ئىختىلاپلار پەيدا بولۇپ، بۇ ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ياپونغا قارشى نامايىشلار خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي مىللەتچىلىكىدە ياپونغا قارشى شوئارلارنىڭمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ دىپلوماتىيىلىك ئىختىلاپلار ئاساسلىقى ياپونىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ياپونىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىغا ئائىت تارىخ دەرسلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىختىلاپلەر كۈنسايىن كۈچەيمەكتە

تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى ۋە 100 دىن ئارتۇق ياپونىيە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى مەزكۇر ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى شۇنىڭدەك باش ۋەزىر كويزۇمىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى توختىتىپ قويدى. خىتاي تەرەپ يەنە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەققىدە توكيودا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خىتاي-ياپونىيە سۆھبىتىنى بىكار قىلدى.

خىتاي تىلىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى بەس مۇنازىرىلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە زور دەرىجىدە ئېرىشكەنلىكىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان خىتاي پۇقرالىرىدا ياپونغا قارشى كەيپىياتلارمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

ياپون –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىددىيەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋەقەلەر ھەر دائىم سادىر بولۇش بىلەن خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمۇ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونلارنىڭ خىتاي خەلقىنى ۋەھشىيلىك بىلەن قىرغانلىقى ھەققىدىكى كىنو ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقاردى. گەرچە بۇ نەرسىلەر قارىماققا تارىخنى ئەسلەش تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىۋاستە خىتاي مىللىتىنىڭ نومۇسىنى ئاقلاش ۋە مىللىي غورۇرىنى كۈچەيتىش ھەم ئىنتىقام پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىشتەك سەلبىي روللارنىمۇ ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھەربىي تەييارلىقلار مۇسابىقىسى

ئومۇمەن، 19-ۋە 20-ئەسىردە بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش قىلغان خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا بىر-بىرىدىن ھۇشيار بولۇش ۋە بىر-بىرىنى تەھدىد ھېس قىلىش كەيپىياتى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ياپونىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق خەلقنىڭ رايىنى سىناشتا تەخمىنەن 60 نەچچە پرەسەنت ياپونلۇق خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

CHINA_JAPAN_PROTEST_27.jpg
2005- يىلى 9-ئاپرىل كۈنى ياپونىيىگە قارشى نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ياپونىيە قارشى نامايىش قىلماقتا. AFP

خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىدىمۇ ياپونلار بىلەن خىتاينىڭ ھامان بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى شۇڭا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلار يېزىلماقتا. خىتايچە ھەربىي ئىشلار ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى ياپونىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا ئائىت بىر پارچە ماقالىدە سىستېمىلىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ياپونىيە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىن خىتايدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۆپ تەرەپلەرگە ئىگە ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە مۇنتىزىم دۆلەت ئارمىيىسىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئۆز قوشۇنىنى ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى دەپ ئاتايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئىلغار قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ كۈچى يېتەرلىك

خىتايچە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئىنتېرنېت تور بېتىدىكى بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ياپونىيىنىڭ دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ 43 دانە قوغلىغۇچى پاراخوتى بار بولسا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاران 25 ئى بار ئىكەن. ياپونىيە بۇنداق پاراخوتنىڭ سانى ۋە ئېغىرلىقى جەھەتلەردىن خىتايدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىكەن.

قورال –ياراق ۋە ھەربىي ئەسلىھە جەھەتتىن ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى راكېتادىن مۇداپىئەلىنىش، دېڭىز مىناسى تازىلاش ۋە مىنادىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قوغلىغۇچى پاراخوتلارنىڭ راكېتا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ۋەزىپە بېجىرىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيىدىن كېيىن تۇرىدىكەن.

ياپونىيە قوغلىغۇچى پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئەۋلات بولۇپ، 43 قوغىلىغۇچى پاراخوتنىڭ 16 سى 90-يىللاردا ياسالغان. ئەمما، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 90-يىللاردا ياسالغىنى ئاران 8 ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىدە خۇلاسە چىقىرىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز كۈچلىرىنىڭ مۇنداق خىتايدىن ئىلغار بولۇشىدىكى سەۋەب، ئالدى بىلەن ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، ياساش ئىقتىدارى، ئادەملىرىنىڭ ساپاسى ۋە چەت ئەللەردىن ئىلغار تېخنىكا قوبۇل قىلىشقا ماھىرلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ جەھەتلەردە ياپونىيە خىتايدىن خېلى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي ھەربىي تەسىر كۈچىنى نامايىش قىلىشقا تىرىشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدىكى بۇ پەرقلەرنى جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ھىندىستان، رۇسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي پەرقلىرىنى شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەربىي خامچوتنى يىلدىن-يىلغا ئاشۇرۇپ، خىتاي ئارمىيىسىنى ھەر جەھەتتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ۋە پاراخوتلارنى سېتىۋېلىپلا قالماستىن ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەرلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز كۈچىنى نامايىش قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تەيۋەن بوغۇزى رايونى، ئۇيغۇر ئېلى، ئىچكى موڭغۇل ۋە باشقا جايلاردىمۇ ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىچكى ۋە تاشقى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلمەكتە.

بۇ جەھەتتە توختالغان بىر خىتاي مۇلاھىزىچىشى خىتاي تىلىدا چىقىدىغان ھەربىي ئىشلار تور بېتىدە ماقالە يېزىپ، ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مانېۋىرنىڭ ياپونىيىگە قارىتىلغانلىقى، خىتاينىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە سىياسىي يۆلۈنىشى ۋە ھەربىي يۆلۈنۈشىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ياپونىيىنى ئاساسلىق "دۈشمەن" دەپ بېكىتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ ياپونىيىنى ئاساسلىق دۈشمەن دەپ كۆرۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنى ئۇنداق دەپ قارىمىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ رايوندا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى ئاشۇرۇشى، ھەربىي تەرەققىياتقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى شۇنىڭدەك يېقىندا خىتاي گېنېرالى جۇنىڭ خىتاينىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نەزىرىدىن قالغىنى يوق، شۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇردى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.