ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئون سەككىز گ بەلگىلىك زور كۆلەملىك ھەربىي مەشىقى داۋاملاشماقتا

ياپون دېڭىزىدا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ 'ئون سەككىز گ' بەلگىلىك ھەربىي مەشىقى 11 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى باشلانغان ئىدى. تارىختا مىسلىي كۆرۈلۈپ باقمىغان كەڭ كۆلەملىك بۇ ھەربىي مەشىق 16 ‏- نويابىر كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. ھازىر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ ۋەقەگە دائىر ھەرخىل خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماقتا.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا پاراخوت توپىغا يۇشۇرۇن ھالدا يېقىنلاشقان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ناملىق ئاۋىئاماتكا پاراخوت توپىغا يۇشۇرۇن ھالدا يېقىنلاشقان ئىدى. بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان كوماندىرى ئادم ۋىللىيام فوللون ئەپەندى يېقىندا مالايشىيانىڭ كۇئالا لۇمپور شەھىرىدە ئېچىلغان 23 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ناجىپ ئابدۇلراززاق ئەپەندىگە ئاشكارىلىغان ۋە بۇ ۋەقەنى 'ھېچقاچان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدۇق' ، 'بۇنداق ۋەقە كۈتۈلمىگەن تۇقۇنۇش يۈز بىرىشنىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىشى مۇمكىن' دەپ تەسۋىرلىگەن. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان كوماندىرى ۋىللىيام فوللوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا پاراخوت توپىغا ناھايىتى يۇشۇرۇن ھالدا يېقىنلاشقان ئورنى قارشى تەرەپنىڭ دەرھال ئوق چىقىرىشى كېرەك بولغان دائىرىسى ئىچىدە ئىكەن. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ 'بىزنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋىرىمىز يوق' دەپ ئېتىراپ قىلمىغان.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگۈسى توقۇنۇش ئۈچۈن ئىزچىل تەييارلىق كۆرمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 'سۇڭ' دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا پاراخوت توپىغا يۇشۇرۇن ھالدا يېقىنلاشقان . ۋەقە دەل ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي ھازىر كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگۈسى توقۇنۇش ئۈچۈن ئىزچىل تەييارلىق كۆرمەكتە. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان تىنچ ئوكيان كوماندىرى ۋىللىيام فوللون ئەپەندى بۇنى 'ھاقارەت' دەپ ھېس قىلغان.

ئەمما خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئۆزىنىڭ 'دۈشمەن ئەمەس'لىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سۇ يۈزىگە چىقىۋالغان

خوڭكوڭدىكى ھەربى مۇلاھىزىچى گوجەننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيىدىن سېتىۋالغان 'سۇڭ' دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ماتورىنى توختىتىپ، دېڭىزنىڭ تەكتىگە چۆكۈۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى بۇ ئەتراپتىن ئۆتكىچە ساقلاپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ 'دۈشمەن ئەمەس'لىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، دەرھال سۇ يۈزىگە چىقىۋالغان. بۇ باشقا بىر مەنىدىن ئېيتقاندا 'بىز بەرىبىز مەقسىتىمىزگە يېتىپ بولدۇق' دېگەنلىك ئىدى.

بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقىنىڭ سۈرئىتىدىن دېرەك بېرىدۇ

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 'سۇڭ' دەرىجىلىك ئالىي سۇ ئاستى پاراخوتى ئۆز ئاۋازىنى يوقىتىش جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق، 5 تەرەپكە ئوق چىقىرالايدىغان 2 ‏- ئەۋلاد زامانىۋىي ھەربى پاراخوت. خىتاينىڭ بۇخىل سۇ ئاستى پاراخوتى 10 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى يۇشۇرۇن ھالدا ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا توپىغا 5 دېڭىز چاقىرىمى قالغان ئارىلىققىچە يېقىنلىشىپ، يەنە دەرھال سۇ ئۈستىگەچىققان. بۇ پاراخوتقا 82 Y J بەلگىلىك سۇمىناسى ۋە پاراخوتلارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاچىلانغان ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى سەزمەي قالغان. 'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقىنىڭ سۈرئىتىدىن ۋە كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىچىككىنە ياپون دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'دېڭىز ئارمىيە ۋاقىت گېزىتى' دا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 1981 ‏- يىلىدىن باشلاپ ھەريىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. 2005 ‏- يىلىدا 11 قېتىم ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزگەن. مۇلاھىزىچىلەر بۇنى شىمالىي كورىيە كرىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ تەھلىل قىلماقتا. ئەمدى بۇيىل 11 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىدىن 16 ‏- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان 'ئون سەككىز گ' بەلگىلىك ھەربىى مەشىقنىڭ كۆلىمى تارىختا مىسلىي كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بولغان. بۇنىڭغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي، 100 دىن ئارتۇق پاراخوت قاتناشقان. بۇ مەشىققە ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا توپىدىن باشقا، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 150 پاراخوتىنىڭ 92 سى قاتناشقان، 300 ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ 170ى قاتنىشىپ ماسلاشقان. مەشىقتە دېڭىز پلوتلىرىنىڭ ھاۋادىكى ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلار بىلەن ماسلىشىشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش، يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئارقا سەپ تەمىنات جەھەتتىن ماسلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇنى كۆزەتكۈچىلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىچىككىنە ياپون دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى دەپ تەسۋىرلىگەن. (ۋەلى)