پەنتاگون دوكلاتىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رەقىبى دەپ كۆرسەتتى
2006.02.06
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-فېۋرال كۈنى 4 يىلدا بىر چىقىرىدىغان دۆلەت مۇداپىئە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى تەرەققىياتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان ھەمدە ئۇنىڭدا " خىتاي- ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يوقىتىش خاراكتېرلىك ھەربىي تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەتتۇر" دەپ يېزىلغان.
خىتاي ھەربىي كۈچىنى مەخپى تەرەققى قىلدۇرماقتا
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق باش كۆتىرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي رىقابەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىلگىرى مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1996- يىلىدىن باشلاپ، مەخپىي ھالدا ھەربىي كۈچى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە ھەربىي خىراجىتىنى يىلدىن-يىلغا ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. خىتاي مەبلەغ سالغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ساھەلەر بولسا، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، بوشلۇقتا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئىلغار ۋە ئۇنىۋېرسال تىپتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى، يېڭى دەۋر سۇ مىناسى، ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتى، يەر ئۈستى ۋە دېڭىز يۈزى بازىلىرىدىكى ئىستراتېگىيىلىك يادرو بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت چىقىرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرىتارى رايىن خېننرى مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھازىر رايوندىكى ئاساسلىق كۈچ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ تىنچ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى ۋە سىياسىي ئەركىنلىك پرىنسىپىنى تاللىشىنى بەكرەك قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"خىتاي ھازىر رايوندىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر كۈچ. بۇ كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ نەتىجىلىك ئىلگىرىلىشىگە ھەمكارلىشىشنىمۇ خالايمىز. بىز يەنە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئوچۇق تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي بىلەن قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايمىز".
ئامېرىكا خىتاينى تەھدىت دەپ قارىمايدۇ
رايىن خېننرى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى خەلقئارادىن يوشۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەربىي پىلانى ھەققىدىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان "خىتاي تەھدىتى" قارىشى كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، رايىن خېنېرى يىغىندا، ئۇلار چىقارغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتاينى تەھدىت دەپ قارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ
"بۇ تەھدىت قارىشىنى ئاساس قىلغان ئەمەس. بىز تەھدىت قارىشىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق. بىزنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىمىز ئىقتىدار مەسىلىسى. بىز بۇ دوكلاتتا ئاساسلىقى ئالدىمىزدىكى 4 چوڭ رىقابەتنى كۆرسىتىپ بەردۇق. شۇنداقلا بىز كەلگۈسىدىكى بۇ رىقابەتلەرگە ئاساسەن ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز".
رايىن خېنرى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىنىڭ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينى دۈشمەنلىك يولىنى تۇتماسلىققا قايىل قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " بىز خىتاينى ھەقىقىي بىخەتەرلىك ئېھتىياجىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىغا ماسلىشىشى كېرەك يەنى پەقەت رايون ئىچىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى كېرەك دەپ قارايمىز" دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى باش كۆتىرىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا رۇسىيە بىلەن ھىندىستان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن كۈچلۈك رىقابەت ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4 يىلدا بىر ئېلان قىلىدىغان بۇ دوكلاتىنى ئالدىنقى قېتىم 2001- يىلى چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن چىقىرىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ۋە ئېھتىياجى ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق دوكلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ دوكلاتتا ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدىكى دۇچ كېلىدىغان بىخەتەرلىك رىقابەتلىرى ئالدىن قىياس قىلىنىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خاباروۋسىكىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيمەكتە
- ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
- رامىسفېلد خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋەتمەكچى
- روبېرت زويلىك خىتاينى دېموكراتىيىلىشىشكە ئۈندىدى
- خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى
- ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈشى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاينىڭ ھەربىي ئاق تاشلىق كىتابى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر
- ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئاپەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپەيمەكتە