ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2005.07.28
چارشەنبە كۈنىدىكى بۇ ئىسپات بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتناشتى.
تاسىك: خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋېلىشىشى ئاسىيانىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتتى
يىغىندا سۆز قىلغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جون تاسىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ، ئامېرىكىدىكى سىياسىي تەدبىر تۈزگۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بولىدىغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى 2005 - يىللىق دوكلاتى، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىي دائىرىلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە، شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. خىتاي ھازىر دەل مۇشۇ ئاسىيا تىنچ- ئوكيان رايونىغا باش بولماقچى".
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چىقارغان بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئۇنچىلىك ھەيران قالمىدى. ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى دونكىن خانتېر بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:
"1990 - يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولدى. خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھازىر ئاسىيانىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بۇ يەردىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىزنىڭ دېققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك".
يىغىندا خانتېر ئەپەندى يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇ ھەقتە تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ سىياسىي تەدبىر تۈزۈپ چىققۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك چارە تېپىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كرېيمېر: ئامېرىكا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى يولىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىكى سابىق ياردەمچى مىنىستىرى فرەنكلىن كرېيمىر يىغىندا، گەرچە خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئامېرىكىغا رىقابەت بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي تىركىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەسلىگىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى، خىتاينىڭ ھازىر ئىستراتېگىيە تۆت كوچىسىدا تۇرغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ دېگەنلىك، ئامېرىكا ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ كومىتېت خىتاينىڭ كەلگۈسىدە يەنە قايسى يولنى مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دېگەنلىك. شۇنداقلا بىز يەنە بۇنداق قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىك يول، ئۇچۇر تارقىتىش ، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ھەربىي كۈچ قاتارلىقلارغا ئوخشاش فونكىتسىيىلىرىنى ئىشقا سېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك".
كرېيمېر ئەپەندى يەنە، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى جانلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ يەردە ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. ئەگەر ئىككى قىرغاقتا توقۇنۇش يۈز بەرسە، بۇ تەيۋەن بىلەن ئامېرىكىغىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن رايونغا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا خىتاينى ئېيتساق، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئامېرىكىلا ئەمەس بەلكى خىتاي ئۆزىمۇ ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش".
فىشېر: ئامېرىكا، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى كېرەك
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى باھالاش ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىچارد فىشېرمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم يولىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ھەمدە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىشى كېرەك".
مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى فرەنكلىن كرېيمىر يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ئالاقە باغلىشىنىڭمۇ مۇھىملىغىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھەممە كىشىلەرنىڭلا ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك ئالاقە ئېلىپ بېرىشنىڭ بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاي پۈتۈن ئارمىيىسىنى قايتا رەتلەشكە باشلىدى
- خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكىغا تەھدىتمۇ؟
- رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەردى
- خىتاي بۇ يىل ھەربىي خىراجىتىنى ٪ 12.6 ئاشۇرماقچى