
خىتاي باش مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ يىلقى خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ 17.8 پىرسەنت كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى، ھەربىي سېلىنمىسىنى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھەربىي خام چوتنىڭ ئەڭ جىق كۆپەيتىلگەن بىر يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتى ئامېرىكا خىتاي ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئاشكارا ئەمەس، دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقان شۇنداقلا خىتاينى ھەربىي سېلىنمىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا 2007 - يىلقى خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ 2006 - يىلغا قارىغاندا 17.8 پىرسەنت كۆپەيتىلىپ، 45 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ 2007 - يىلنىڭ ھەربىي خام چوتى 2006 - يىلغا قارىغاندا 6 مىليارد 840 مىليون دوللار كۆپ دېگەنلىكتۇر. ۋېن جياباۋ، قۇرۇلتايدىكى 3000 نەپەر ۋەكىلگە بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا "سترولۇق دۆلەت مۇداپىئە سېستىمىسى بەرپا قىلىش ۋە قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيىسى قۇرۇپ چىقىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى " دەيدۇ.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي خام چوتنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى قۇرۇلتايدىكى ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا قۇرۇلتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ۋەكىلى، تەيۋەن مەسىلىسى ھەربىي خام چوتنىڭ كۆپەيتىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىردىن - بىر ئامىل ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتايغا كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جياڭ ئېنجۇ، قۇرۇلتاي باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەربىي خام چوتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە بىرلىكىگە قارىتىلغانلىقىنى شۇنداقلا "جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش ياكى كەلگۈسىدە تەھدىت سېلىش نىيىتى يوقلىقىنى" تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر خىتاي ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، خىتاينى ھەربىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىرماقتا.
ئامېرىكا: مۇھىم مەسىلە خىتاينىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى باياناتچىسى جياڭ ئېنجۇ، يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ۋېن جياباۋنىڭ ھەربىي خام چوتنى ئاز كەم 18 % ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نېگرىپونتې بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى تىلغا ئالدى.
نىگرىپونتېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى قانچىلىك ئۆستۈرگەنلىكى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە خىتاينىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشتۇر. بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىگەن نىگرىپونتې، " بىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىشىنى خالايمىز ۋە بۇنىڭ بىلەن بىز خىتاينىڭ زادى نېمە ئويى بارلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز " دەيدۇ.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ئەگەر خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن پۇلىنى ھېسابلىسا، خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئومۇمى سوممىسى ئېلان قىلىنغاندىن 3 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. 2007 - يىلى خىتاينىڭ يېقىنقى 17 يىل مابەينىدە ھەربىي خام چوتنى 1995- يىلى 21%، 1994 - يىلى 18% ئۆستۈرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرگەن بىر يىلدۇر.
خىتاي كومپارتىيىسىدىكى ئەگەشمە كېسەللىك
ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ليۇ شاۋبو، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئىككى ئامىلنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي رەھبەرلىرىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك روھى ھالىتى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ليۇ شاۋبو، "ھەممە نەرسىنى ھەربىي مەخپىيەتلىك، دەپ قاراش جۇڭگو كومپارتىيىسىدىكى ئۇزۇن يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر ئەگەشمە كېسەللىك " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "كومپارتىيە بىر تەرەپتىن ھەربىي ئىشلار ئاشكارىلانسا ئىچكى قىسىمدا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كومپارتىيە ئۇزۇن يىللارغىچە غەرب دۇنياسى، ئامېرىكا شۇنداقلا قوشنا ئەللەر بىلەن دۈشمەنلىك ھالىتىدە تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ياكى ھەربىي ئالاقە قىلىدىغان تەجرىبىگە ئىگە ئەمەس".
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جياڭ ئېنجۇ، خام چوتنى كۆپەيتىش ئاساسلىقى ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى كۈچەيتىشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي خام چوت تەيۋەن ۋە ياپونىيە دائىرىلىرىنى بىئارام قىلدى. تەيۋەننىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى باياناتچىسى ليۇ دېشۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، " بۇ رەقەم جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە سېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە شۇنداقلا خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى رايوندىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە.
ھەربىي خامچوتنىڭ كۆپەيتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى
ليۇ شاۋبو، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى يىلسىرى كۆپەيتىشىگە تۆۋەندىكى 3 ئامىلنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ليۇ شاۋبو، " بىرىنچىدىن، ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتسە ھەربىيلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش مۇمكىن. بۇ خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە ھازىرقى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مىلتىقنىڭ قوللىشى بولمىسا، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىناۋىتى بولمايدۇ. ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش دېگەنلىك جۇڭگودىكى ھەربىي سانائەت گۇرۇھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش دېگەنلىكتۇر " دەپ كۆرسەتتى. ليۇ شاۋبونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىشىدىكى ئىككىنچى سەۋەبى تەيۋەن ئامىلىدۇر شۇنداقلا تەيۋەن ئامىلى خىتاي رەھبەرلىرىدىكى بىخەتەرلىك ئېڭى بىلەن ئالاقىدار مەسىلە، بولۇپمۇ خىتاي رەھبەرلىرىدىكى كرىزىس تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر " .
ليۇ شاۋبو ، ھەربىي سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئۈچىنچى ئامىلنى " خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى" بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ھالسىرىدى. ھۆكۈمەت ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىچكى ئېھتىياجنى جانلاندۇرالمىدى. بۇ ئەھۋالدا ھەربىي سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ياكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش ئىچكى ئېھتىياجنى جانلاندۇرۇشنىڭ بىر بۆسۈش نۇقتىسى، دەپ قارىلىۋاتقان بولسا كېرەك" دەيدۇ.
ليۇ شاۋبونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىنى كۆپەيتىش پىلانى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش ھەۋىسى پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ئومۇمى ھەربىي ساپا جەھەتتە يەنىلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ رىقابەتچىسى ئەمەس. ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا خىتاينى ھەربىي سىياسەت ۋە ھەربىي سېلىنمىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە چاقىردى. ياپونىيە ئىچكى كابېنت سېكرىتارى ياسۇخىسا شىئوزاكى، " ھەربىي خام چوتنىڭ سانى ئېلان قىلىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئامىللار يەنىلا مەۋھۈم " دەيدۇ. (ئەركن)