خىتاي بۇ يىل ھەربىي خىراجىتىنى ٪ 12.6 ئاشۇرماقچى
2005.03.04
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جياڭ ئېنجۇ جۈمە كۈنى بۇ يىل ئومۇمىي ھەربىي خىراجەتنىڭ 248 مىليارد يۇئەن يەنى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي يەنە، بۇ يىلىدىكى ئاشۇرغان خىراجەتنى ئاساسلىقى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋېلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەمدە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىل &# xFBE9;دىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
12.6٪ ئېشىش كۆپ ھېسابلىنامدۇ؟
ئامېرىكىدىكى مونتېرېي خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتۇرى يۇئەن جىڭدوڭ خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ئەسكەرلەر سانىنىڭ كۆپلىكىنى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئۆتكەن يىلى قىسقارتىلغان 200 مىڭ ئەسكەرلەرنىڭ پاراۋانلىق ۋە پېنسىيە پۇللىرىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا خىتايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر يەنىلا كونىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىكىنى سەۋەپ قىلدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي خىراجەتنىڭ 12.6٪ ئېشىشىنىڭ يەنىلا كۆپ ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
"خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئىقتىدارى ۋە تاشقى ئوبوروت زاپىسىغا قارىغاندا، ئۇلار ئارمىيىگە بۇنىڭدىن كۆپ پۇل ئاجرىتالايدۇ. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلمىدى. خىتايدىكى يىللىق ئومۇمىي ئىشلەشچىقىرىش قىممىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خىراجىتى ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ پەرقلەندۈرۈلمىدى".
خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
ئامېرىكا ۋېيك فورېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى لى ۋېيچىن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي خىراجەتنى دېگەندەك ئەسكەرلەرنىڭ پاراۋانلىقىغا ئىشلەتسە، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئەزەلدىن باشقا ھەربىي خىراجەتلەرنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى يوشۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"بەلكىم ھەربىي خىراجەتنىڭ 12.6٪ ئېشىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغاندۇ. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىراجەتنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ ئەلبەتتە بىزدە ھەر خىل قىياس ۋە گۇمانلارنى پەيدا قىلىدۇ-دە".
لى ۋېيچىن سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ بەزى ھەربىي تەرەققىياتلارنى مەخپىي تۇتسا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى تەپسىلىي دېمىسىمۇ، بولمىدى دېگەندە ئۇنى ‘يۇقىرى تېخنىكائ ياكى ‘دۆلەت مۇداپىئەئ دېگەنگە ئوخشاش كاتىگورىيىلەرگە ئايرىپ، ئۇنىڭغا قانچىلىك خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى ئېيتسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجىتىدىكى ئوچۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ خىتايدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مى &# xFEB4;ال قىلدى.
خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئوچۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس
"ئوچۇقلۇق دەرىجىسى خىتايدىن ياخشى بولۇپلا قالماي، تېخى ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىكى قانۇن تۇرغۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ بۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەلبەتتە بەزى يىغىنلار مەخپىي ئېچىلىدۇ. ئەمما بولمىدى دېگەندە بۇنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئورگانلار بار. خىتايدا بولسا بۇنداق ئەمەس. چۈنكى خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن پارتىيە بىر ئائىلە ئەمەسمۇ".
لى ۋېيچىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ھەربىي خىراجىتىنىڭ ھەقىقىي سانى ۋە ئۇنىڭ نېمىلەرگە ئىشلىتىلىشىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ھەر خىل قىياسلاردىن ساقلانغانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن كۈزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئاجراتقان ھەربىي خىراجەت ئۇلار ئېلان قىلغاندىن 2 ھەسسە ھەتتا 3 ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆتكەنكى بەش يىلدىن بۇيانقى ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىشى 10٪ تىن يۇقىرى بولغان.
خىتاينىڭ ھەربىگە ئاجراتقان خىراجىتى، مائارىپ ۋە سەھىيە خىراجىتىدىنمۇ كۆپ
لوندوندىكى جېينس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ ئانالىزچىسى كىرىستان لېمېر، خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىشى ئومۇمىيۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، تەيۋەن، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ تەيۋەنگە مەلۇم دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، گەرچە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىشى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋاقتىنچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىلگىچە مۇشۇ سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋەرسە، بۇنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن خىتاينىڭ بۇ دوكلاتىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاساسلىقى تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىش تەييارلىقىغا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىرغىچە تەيۋەنگە 700 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى دەپ، خىتاينىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگلىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولغان ئوكسفەم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيگە ئاجراتقان خىراجىتى، مائارىپ ۋە سەھىيە خىراجىتىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
خىتاي تەھدىتى ۋە ئىنكاسلار
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، تەيۋەننى ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ ئىچىگە ئالىدۇ
- ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەربىي تەھدىدى توغرىسىدىكى قارىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈردى
- گوس: خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەنپەئەتىگە تەھدىت
- ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى يوشۇرۇن تەھدىت دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك باياناتى خىتاينى نىشانلىغان