خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە ۋاشىنگتوندا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
CHINA-ARMS-ISRAEL-MILITA-22.jpg
2004-يىلى 6-دېكابىر. بېيجىڭدىكى ھەربىي مۇزېيخانىدىكى "قىزىل بايراق" -2 باشقۇرۇلىدىغان بومبا. AFP

ئامېرىكا-خىتاي سىياسىتى فوندى جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىندا ئالدى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا 1991 - يىلىدىن 1995 -يىلىغىچە سابىق باش ئەلچى بولۇپ ئىشلىگەن ستەپلېتون روي ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەيۋەننى نىشانلىغان بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاي رەھبەرلىرى مەيلى ھازىرقى بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭ ئالدىدا بولسۇن خىتاي سىياسىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق چۈشەندۈرگەن. خىتاي، ئامېرىكا بىلەن مۇقىم ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ".

روي ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى بۇزۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ، خىتاينىڭ ۋەكىل خاراكتېرىدىكى بىرھۆكۈمەت بولۇشىدىكى بىردىن-بىر بېسىشقا تېگىشلىك يول ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ دەل، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئېرىشمەكچى بولغان بىر نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشىدە تەيۋەندىن باشقا سەۋەب قايسى؟

روي سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە چىقارغان يىللىق دوكلاتىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بىر يېتىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي رۇسىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرغاچقا، شۇڭا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زۆرۈر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا يەنە، سابىق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ئېرىك ماكۋادونمۇ قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، مەركىزىي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە قارىتا ھەربىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىۋى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاي تەرەپ مەيلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ياكى يازمىچە بولسۇن، خىتاي ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيە رەھبەرلىرىنىڭ نىشانىنى ئوچۇق ئېيتىپ قويغان. ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ نىشانى، تەيۋەن كىرىزىسى يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئارمىيىسىنى تېز سۈرئەتتە ئومۇمىيۈزلىك بىتچىت قىلىش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش".

ئېرىك ماكۋادون شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تاپالايدىغان ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياساشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەيۋەن بوغۇزى ئۇرۇشىدا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى يەنە بىر سابىق باش ئەلچىسى چەس فرىمەنمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەن، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئۈچىلا تەرەپنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلىسا كېلىپ چىقىدىغان "زور ئاقىۋەت" نى ئېنىق بىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇرۇش ئاقىۋىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:

"تەيۋەننىڭ 50-60 يىللاردىن بۇيان بەرپا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى خەتەر ئاستىدا قالىدۇ. ئوخشاشلا خىتاينىڭمۇ دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتىدىكى 25 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكىمۇ ئۆز تۇپرىقىنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ".

فرىمەن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى "دانالىق" بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)