يۈننەندىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى

0:00 / 0:00
heroin-chikimlik.jpg
1999-يىلى 25-ماي كۈنى بىر خىتاي ساقچىسى بېيجىڭدىكى زەھەرلىق چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئالدىدا . AFP

ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ سودا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى يەنى خېروئىن ئەتكەستىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.

يۈننەن ئۆلكىسى، دۇنيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك تېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان بېرما بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ ئۆلكە زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىزگە ئوخشاش يامان كېسەللىكلەر يامرىغان رايونلارنىڭ بىرى. مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ جايدا 5000 چە ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يۈننەننىڭ خىتاي - بېرما چىگرىسى يەنى خېروئىن ئەتكەتچىلىكىنىڭ بازىسى ھېسابلىنىدىغان رۈيلى شەھىرىدە ئىكەن.

ئۇلار يۇرت، ئائىلە‏- جەمەتىنى بىرلىك قىلىپ گۇرۇھلارنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاساسەن خېروئىن ئېلىپ -سېتىش، توشۇش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى-ياش، بالا ھەتتا ئېغىرئاياق ئاياللارمۇ بار ئىكەن.

رۈيلىدىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن رۈيلىگە بارغان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ يۈننەندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتايغا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىش ئېغىزى رۈيلى ھەمدە رۈيلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان:

"رۈيلى خىتاي بىلەن بېرمىنىڭ چېگرىسىدىكى گۈزەل، كىچىك بىر شەھەر. بېرمىدا تېرىلغان ئەپيۇن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ خېروئىنغا ئايلانغاندىن كېيىن يۈننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇلىدۇ. رۈيلىدا بىر گىرام ساپ خېروئىننىڭ باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، كۈنمىڭغا توشۇپ كېلىنسە 200 يۈەن، باشقا جايلارغا توشۇلغاندا قولدىن‏- قولغا ئۆتكىچە باشقا نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنسە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق زور پايدىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا -ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىنى ھەتتا ئاتا، ئانا، پەرزەنت، خوتۇنلىرىنىمۇ تارتىپ كىرمەكتە. يۈننەندە بەش مىڭ ئەتراپىدا، رۈيلىنىڭ ئۆزىدىلا 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بار. ئۇلار ئاساسەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار يۈز پىرسەنت خېروئىن ئەتكەستچىلىكى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ".

پۇل ۋەسۋەسىسىدە ئانىلارمۇ ئىنسانىي خىسلىتىدىن ئايرىلماقتا

بۇ يەردە دائىم ئۇيغۇرلار يەرلىككە قويۇلۇپ تۇرىدۇ. بىراق ھېچقايسىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ئەمەس. سوتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىلغانلار، زەھەر چېكىپ قېتىپ قالغانلار، خېروئىننى يۈتۈپ توشۇيمەن دەپ قورسىقىدا ئېچىلىپ كېتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر بۇ يەرگە قويۇلىدۇ. نۇرغۇنلىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئائىلىدىكىلىرىمۇ بىلمەيدۇ، بۇ يەردىكىلەر بولسا، قەبرىستاندا ياتقانلارنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئانچە پەرقى يوق، ھاياتلارمۇ ئۆلۈك، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن.

مەزكۇر ماقالىنى يازغۇچى يەنە رۈيلىدا خېروئىن توشۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇنداقلا يىرگەندۈرىدىغىنى ئىككى قات ئاياللارنىڭمۇ بۇ پاسكىنا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدۇر، دەپ مۇنداق يازىدۇ:

"قانۇن بويىچە 50 گىرامدىن ئارتۇق خېروئىن توشىسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يۈننەندە زەھەر تەكشۈرۈش‏- تۇتۇش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل، زەھەر ئېلىپ مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن يوچۇق تاپقان. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا "ھامىلدار ئاياللار، بىر ياشقا توشمىغان بالىسىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سىرتقا كېپىللىككە بېرىشكە بولىدۇ. يەنە 14 ياشقا توشمىغانلار جازالانمايدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئاياق ئۇيغۇر ئاياللار رۈيلىدا يىغىپ كەتتى. كوچا -كوچىلاردا قوسىقىنى دومبايتىپ يۈرگەن ئېغىراياقلار كۆپسانلىقى مارالبېشى، ئىلىدىن كەلتۈرۈلگەن. ئۆتكەن يىلى -3 ئايدىن تارتىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئېغىر ئاياق ئاياللار خېروئىننى مۇنەك قىلىپ ئوراپ يۇتۇۋېلىپ مېڭىپ، زەھەر قورسىقىدا يېرىلىپ كېتىپ ئۆلدى ۋە بەزىلىرى توشۇپ تۇتۇلدى. تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا مەھبۇسلارنىڭ تولىسى ئۇيغۇر بولۇپ، بىچارە دېھقان خوتۇنلار ھەم كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىسا ھەم ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. سېسىق زەي كامىرلاردا ناچار، مۇسۇلمانچە دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يەپ شۇ يەردە بوشاندى. قويۇپ بەرسە ئەتىسىلا يەنە خېروئىن توشۇپ تۇتۇلدى ". رۈيلىدا خىزمەتتە بولغان بۇ ساقچىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، رۈيلىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەنلەر ئارىسىدا مۇشۇنداق ئېغىر ئاياق ئاياللاردىن باشقا، بالىلار ھەمدە 60 ياشتىن ھالقىغان پەرىشتە سۈپەت مومايلارمۇ بار ئىكەن.

روھ ئۆلگەن جاي

ماقالىدە، يۈننەندە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، پۇل تاپىمىز دەپ ئۆلىكىنىڭ ياقا يۇرتلاردا قېلىۋاتقانلىقىنى، رۈيلىدا ھەتتا بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان: "بۇ يەردە دائىم ئۇيغۇرلار يەرلىككە قويۇلۇپ تۇرىدۇ. بىراق ھېچقايسىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ئەمەس. سوتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىلغانلار، زەھەر چېكىپ قېتىپ قالغانلار، خېروئىننى يۈتۈپ توشۇيمەن دەپ قورسىقىدا ئېچىلىپ كېتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر بۇ يەرگە قويۇلىدۇ. نۇرغۇنلىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئائىلىدىكىلىرىمۇ بىلمەيدۇ، بۇ يەردىكىلەر بولسا، قەبرىستاندا ياتقانلارنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ، سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئانچە پەرقى يوق، ھاياتلارمۇ ئۆلۈك، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن".

ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يۈننەندىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ يىرىك ماقالە، ئىبرەت قىلىش، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا مۇشۇ يولغا ماڭغان ئۇيغۇرلارنى توسۇپ قېلىش مەقسىدىدە يېزىلغان. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇرمەنلەردە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. نامراتلىقتىنمۇ؟ نادانلىقتىنمۇ؟

ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بەزىلەر بۇ ماقالىنىڭ تېخىمۇ كەڭرەك تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەپ" بۇنى مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئامما كۆرىدىغان ئورۇنلاردا ئېلان قىلىپ خەلققە ئىبرەت قىلايلى، بىلمەي بۇ يولغا كىرىپ قالغانلار ئۆزىنى تارتسۇن، كىرمەكچى بولغانلار ھوشىنى تاپسۇن، بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ بۇ ئىشقا كۈچىسە بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا بۇ ئىشنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنىڭ بولسىمۇ ئالدىنى ئالايلى، ھەممىسى نادانلىقتىن بولغان ئىشلار، خەلقىمىز نامرات بولسىمۇ نادان بولمىغان بولسا، مۇشۇنداق ئىشلار بولمايتتى. . . . "دېگەندەك پىكىرلەرنى قاتناشتۇرماقتا. زەھەرلىك چېكىملىك شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئومۇمىي بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپلەپ زەھەرلىك چېكلىملىكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئەندىشىگە سالماقتا، ئەمما مەخسۇس زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنچە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئاڭلىغان كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئېغىر مەسىلە.

بىز يۈننەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش مەقسىدىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىزدەندۇق.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى يۈننەنگە بارمىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئەھۋاللارنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۈننەنگە بارغان خىزمەتداشلىرى ھەمدە قولغا چۈشكەن بەزى خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچىلەردىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.