گۇاڭجۇدا خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھەسەنجان ئاقلانمىدى
2006.07.27
19 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭجۇنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان ياۋتەي بازىرىدا ھەسەنجان روزى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگۈچى گۇاڭجۇغا مارالبېشىدىن يېقىندا كەلگەن 19 ياشلاردىكى يىگىت ئىكەن.
بىز گۇاڭجۇدا مەزكۇر ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلاردىن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەسەنجاننىڭ نېمە ئۈچۈن، قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئايالى ھەمدە قېينانىسى ۋە يەنە مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن تەپسىلىي ئىسپات خاراكتېرلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن ئەمدىلا بالىلىق بولغان ھەسەنجاننىڭ ئەسلىدە، مارالبېشىدا دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئايالى، بالىسىدىن باشقا ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ يەتتە جاننى بېقىش ئۈچۈن گۇاڭجۇغا تىجارەت يولى ئىزدەپ كەلگەن بىر ياش ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى: خىتاي ساقچىلار ھەسەنجانغا قاتىللىق قىلدى
ۋەقەنى كۆرگەن بىر سودىگەرنىڭ ھەمدە ھەسەنجاننىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەسەنجان، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بالىسىغا بۇلماق سېتىۋېلىش ئۈچۈن كوچىغا چىققاندا، ياۋتەي بازىرىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئەمما ئۇ ساقچىلارنىڭ زومىگەرلىكىگە بوي سۇنماي توختا دېگىنىگە قارىماي ئالدىغا قاراپ كېتىۋەرگەن. ئۇ تېخى بىر قانچە قەدەم ماڭماي تۇرۇپلا ساقچىنىڭ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قارىتىپ ئاتقان ئوقىدىن يىقىلغان.
ھەسەنجان يىقىلغاندىن كېيىنمۇ قولىغا يەردىكى بىر كېسەك پارچىسىنى ئېلىپ ئوق چىقارغان ساقچىغا ئاتماقچى بولغاندا، ئەتراپتىن قورشاپ كەلگەن بىر قانچە ساقچى ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ تېپىپ، ئاخىرقى نەپىسى ئۈزۈلگىچە توختىمىغان. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر " ساقچىلار ھەسەنجانغا قاتىللىق قىلدى" دەپ بىلدۈردى.
ھەسەنجاننىڭ پاجىئەسى گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىككى يۈزچە ئۇيغۇر يىغىلىپ گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەسەنجاننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى ساقچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى سوراپ بارغان. ھەسەنجاننىڭ مارالبېشىدىكى ئاتا - ئانىسىمۇ نۆۋەتتە گۇاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەسەنجاننىڭ ئايالى ھەسەنجاننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئەرز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ۋەقە سىرلىق بېسىقتۇرۇلدى
مەزكۇر ۋەقە ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان. ئىخلاسمەنلىرىمىز ھەسەنجان ۋەقەسىنىڭ قانداق ھەل بولغانلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئاڭلاشقا قىزىقىۋاتقان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەسەنجاننىڭ گۇاڭجۇدىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلساق، تېلېفون نومۇرى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن، سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىدۇق.
بىز مەزكۇر ۋەقەگە مەسئۇل گۇاڭجۇ شەھەر كۇاڭچۇەن يولى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ھەسەنجاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ قانداق ھەل بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، مەسئۇل ساقچى "گەرچە بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن بولغان ۋەقە بولسىمۇ، ئەمما پرىنسىپ بويىچە مۇشۇ يەرگە كېلىپ زىيارەت قىلمىغۇچە سىلەرگە تېلېفوندا ئوچۇق بېرەلمەيمىز" دېدى.
گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، يېقىندىن بېرى بۇ ئىشنىڭ ئانچە تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچىنىڭ ھەسەنجاننىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم پۇل بېرىپ، بېسىم قىلىپ بۇ ۋەقەنى جىمىقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناھەق ئۆلگەن ھەسەنجان يەنىلا قارىلانماقتا
بىز گۇاڭجۇدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردىن، ۋەقە بېسىقتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭمۇ گۇاڭجۇغا كېلىپ، ھەسەنجان ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەسەنجاننىڭ يۇرتى مارالبېشىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم ھۇسەنجاننىڭ جەمئىيەتتە قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان شەخس ئىكەنلىكىنى، ئائىلە بويىچە ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ناھەق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار دائىم دېگۈدەك يەرلىك ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بەزى خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ئۇلار گەرچە ھەسەنجان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەقسىزلىق، زوراۋانلىقىغا قارشى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە تىركەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەندىن سىرت ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ نامى ئاقلانمىدى، ئۇنىڭ يىگىتلىك، ئادەملىك غۇرۇرى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ "ئوغرى" دېگەن بەتنام بىلەن قارىلانماقتا دەپ ئېچىنماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەسەنجان ئۆينىڭ تۆۋرىكى ئىدى
- گۇاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى
- گۇاڭجۇدا خىتاي ساقچىلىرى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقىغا كىم ئىگە؟
- ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- مۇخبىرىمىزنىڭ دۇڭجۇدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇماتلار
- دۇڭجۇ يېزىسىدا يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مىللىي زىددىيەتلەرنى تىنجىتىشنىڭ يولىمۇ؟