تەيۋەندە جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكىلى ئېلىپ تاشلانغان ئىكەن، ماۋ زېدۇڭنىڭ قەشقەردىكى ھەيكىلىمۇ ئېلىپ تاشلىنىشى لازىم

0:00 / 0:00
kochmen-150.jpg
بۇ رەسىم 2003-يىلى 17-سېنتەبىردە قەشقەردە تارتىلغان بولۇپ، بىر خىتاي ئايال ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا مەشق قىلماقتا. گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ماۋ دېدوڭنىڭ ھەيكىلى ئۆرۈپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەشقەردىكى ھەيكىلى يەنىلا ساقلانماقتا. AFP

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جې 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى، تەيۋەندە جاڭ كەيشىنىڭ ۋە ئوغلى جاڭ جىنگونىڭ مىس ھەيكەللىرىنى ئاممىۋىي سورۇنلاردىن، ھەربىي ئورگانلاردىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. تەيۋەندە ھازىر جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكەللىرىنى، خاتىرە سارىيىنى كۆچۈرىۋېتىش، تەيۋەننى جاڭ كەيشىدىن خالى قىلىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. گومىنداڭچىلار بۇنىڭغا قارىتا "بۇنداق قىلىش خىتاي ئەنئەنىسىگە توغرا كەلمەيدۇ" ، "بۇرۇنقى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جەسىتىنى قامچىلىغانلىق" ، "تارىخنى بۇرمىلىغانلىق" دەپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما يەرلىك تەيۋەنلىكلەر بۇنى ھەربىي قىسىملارنى پارتىيىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى قىلىشتىن ئىبارەت دېموكراتىك نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىك دەپ قارايدۇ.

تەيۋەندە جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكىلى يوق، ئەمما ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلى تېخىچە قەشقەردە

ياۋروپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان "غەرب شامىلى" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى 1949 ‏- يىلى تەيۋەننى بېسىۋالغان جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكەللىرى تەيۋەندە يوق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە،جاڭ كەيشىگە ئوخشاش 1949 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلى تېخىچە قەشقەردە مەۋجۇتلىقىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماۋزېدۇڭنىڭ قەشقەردىكى ھەيكىلىنىڭمۇ ئېلىپ تاشلىنىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

تەيۋەن ئاللىقاچان مۇستەقىل

"خىتاي ۋاقىت گېزىتى" نىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، 1 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنىدىن 2 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىگىچە 1066 كىشى دائىرىسدە تېلېفون ئارقىلىق راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، 75% ئادەم تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقى، 46% ئادەم " تەيۋەن مۇستەقىل بولامدۇ ياكى خىتاي بىلەن بىرلىككە كېلەمدۇ" دېگەن مەسىلە پەقەت بىر مۇزاكىرە تېمىسىدىن ئىبارەت، بۇ تېمىنىڭ ھازىر ئەھمىيتى قالمىدى، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي ئەپەندى " مەن باشتىن ئاخىر تەيۋەننى مۇستەقىل قىلايلى دېگەن گەپنى قىلغان ئەمەس، بەلكى تەيۋەن ئۆزى بىر ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت دەپ كېلىۋاتىمەن" دېگەن. ياۋروپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان "غەرب شامىلى" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى تەيۋەندىكى راي سىناشنىڭ نەتىجىسىنى ئالقىشلىدى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ رايى قانداقلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ۋەلى)