ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئوپچە ھېيىتلاشتى


2007.01.02

ئىستانبۇل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، 15 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا ياقىلىرىدا 7 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار ھېيىتتا بىر- بىرى بىلەن دىدار كۆرۈشۈش، ھېيىت پەتىسى قىلىش ۋە بالىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەر ھېيتتا ئوپچە ھېيتلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياردەم سۆيەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوپچە ھېيتلىشىشنىڭ بۇ قۇربان ھېيىتتا 5-قېتىملىقى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەت ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى يۇلتۇز توي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 700 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان.

پائالىيەت قۇرانى كەرىم ئوقۇش ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، گېنىرال مەمەت رىزا بېكىن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلغاندىن كېيىن، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلانغان. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە سىلەرگە تەپسىلى مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.