ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى


2007.10.11

روزا ھېيت بايرىمى ئەسلىدە دىنىي بايرام سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا مىللىي بايرام تۈسىنى ئېلىپ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلاردىكى روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بۇ بايرامغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. چوڭ - كىچىك ھەممىسى بۇ بايرامنى قىزغىن تەنتەنە قىلىدۇ.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن تۈركىستان ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى روزا ھېيتنى ئىسلام پەرھىزلىرىدىن بولغان رامىزان روزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇپ تاماملىغانلىقىنىڭ خوشاللىقىنى نامايان قىلغان ھالدا ئالاھىدە قۇتلۇقلاپ، داغدۇغىلىق بىلەن تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە."

ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى قارشى ئېلىش ئادىتى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇرلار ئاۋۋال ئائىلىسى ھەر بىر نوپۇسقا شەرىئەتتە تېگىشلىك بولغان فىتىر سەدىقىسىنى پېقىر - مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، پەرزەنتلىرىگىمۇ كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ پاكىز، رەتلىك ھالدا چوڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن تولۇپ تاشقان خۇشاللىق كەيپىياتتا بىر - بىرىنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەپ ئۆز ئارا قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ ۋە مەسچىتلەر ئالدىدا ناغرا - سۇنايغا تەڭكەش قىلىپ ساما ئۇسۇلى ئوينايدۇ. مەسچىتكە قەبرىستانلىق يېقىن بولغان شارائىتتا ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن، يىراق بولسا ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن، ماشىنا ۋە ھارۋىلار بىلەن چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە جەننەت تىلەيدۇ."

ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيت بايرىمى تەنتەنىسى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيت 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا ھەر ئەتىگىنى ناماز بامداتتىن كېيىن چۈشكىچە جامائەت بولۇپ ھېيتلىشىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - قوشنا، دوست- يارانلار ئۆز ئارا بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئايىمىنى تەبرىكلەيدۇ. ئارىدا ئاداۋەت ياكى رەنجىشلەر بولغانلار ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر - بىرىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە ئارىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ۋە خوشنىلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، شۇنداقلا تۇغقانلىرىنىڭ كىچىك بالىلىرىغا ھېيتلىق سوۋغىسى بېرىشنى ياقتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىدە داستىخانلىرىنى گۆش، تۇخۇم، ياغ نان ۋە تۈرلۈك مېۋە - چىۋە، قەن - ناۋات، تاتلىق تۈرمە، پېچىنە، پىرەنىكلەر بىلەن بېزىگەندىن سىرت، ئۆي ئىچى، ھويلا - ئارام، مەھەللە كوچىلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ."

دېمەك سىز بۇ كۈنلەردە بىر تەرەپتىن چوڭ - كىچىك، ياش - قېرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە تەبەسسۇم بىلەن ئۆز ئار "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!" دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ كوچىلاردا، شەھەر بازارلىرىدا دارۋازلارنىڭ دار ماھارىتىدىن ھوزۇرلانغاچ چاق پەلەك ۋە ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ خۇشاللىقتىن قىن - قېنىغا پاتماي "يىلنىڭ ھەممىسى ھېيت بولسۇن، ئوينايدىغان پەيت بولسۇن" دېيىشىۋاتقاندەك سۈرەن تارتىپ چوقۇرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز." (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.