ئوتلۇق سالام - سېغىنىشلىق كۈيلەر - ھېيت مۇبارەك!
2007.12.19

بۈگۈنكىدەك قوۋم -قېرىنداش،ئەل يۇرت، دوست يارەنلەر جەم بولىدىغان مۇبارەك ھېيت بايرام كۈنلىرى، چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا بەكرەك مۇڭ باسىدىغان سېغىنىش، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ يانىدىغان پەيتلەردۇر. بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قىلغان قۇربان ھېيتلىق، سېغىنىشلىق ئوتلۇق سالىمى سۈپىتىدە، ئامېرىكا ۋە ياۋرو - ئاسىيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدا، گۈلچېھرە تەييارلانغان قۇربان ھېيتلىق سەنئەت پروگراممىمىزنى ھەر قايسىڭىزلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز.
قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار، قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! بۈگۈن ئەزىز چوڭلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىپ، ھېيتلىقلىرىمىز بىلەن سەبىلەرنى خوش قىلساق، مۇبارەك سالاملار، ئوتلۇق تىلەكلەر بىلەن يارەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان، باي داستىخانغا ياراشقان بەدەشقانلار نەغمە ناۋا، مۇشائىرە،كۈلكە چاقچاق بىلەن ئورتاق شاتلىنىپ كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەر سۇ ئىچىدىغان مۇبارەك بايرام.
گەرچە قۇربان ھېيت خاسىيىتى بىلەن چەت' لەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا يۇرتىدىكى ھەممە جەم بولىدىغان مۇبارەك پەيتلەرگە ئورتاقلىشالمىسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلى ۋەتەن ئەلگە تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ھېيت كۈنلىرىدە ھەممىنىڭ قولى كۆكسىدە سىلەرگە ئوتلۇق سالاملار يوللايدۇ، ئاۋال بىز ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىزدىن سۇلتان مەھمەت ئەپەندىنىڭ خۇشناۋاسى بىلەن ھېيتلىق سەھنىمىزنى ئاچماقچىمىز.
"ۋەتەن قوشۇقى"

ئىلگىرى بېرىلگەن ھېيتلىق مەخسۇس سەنئەت پروگراممىلىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئوت يۈرەك ۋەتەن ئوغلى، تالانتلىق سەنئەتكار، مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ئوتلۇق ناخشىلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمەيدۇ، مەرھۇمنى سېغىنىش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئەلنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغان، ئارمانلار بىلەن كەتكەن شېھىتلەرنى ئەسلەپ ھەم چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن سالام دەڭلار ناملىق بۇ ئۆلمەس كۈينى رادىئو دولقۇنلىرىمىزدا سىلەرگە ئاتاپ قايتا ياڭرىتىمىز.
"سالام دەڭلار"
ئانا ۋەتەن ھەققىدە سېغىنىشلىق كۈيلەر، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ناخشىسى، ئەل بىلەن تەڭ بايرام ئۆتكۈزۈش ھەممىنىڭ ئورتاق ئارمىنى.
ئاخىرىدا، ياركەنت بۇلبۇللىرىنىڭ كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىخلاسمەنلىرىمىزگە سۇنغان سەنئەت پروگراممىمىزنى ئارقىلىق، ھەممىڭلارغا باي - باياشاتچىلىق، خاتىرجەملىك يار بولۇشىغا تىلەكداشمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مىيۇنخېندا روزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى تەنتەنىلىك ئەتكۈزمەكتە
- ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى
- رامىزاندىكى فىتىر سەدىقىسى
- گېرمانىيىدىكى قۇربان ھېيىت
- ساما ئۇسسۇلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلىۋاتامدۇ؟
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئوپچە ھېيىتلاشتى
- رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىل ۋە يېڭى بىر يىل ھەققىدە توختالدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خوشال خورام ھالدا ھېيىت ئۆتكۈزمەكتە
- قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت