ھېيتگاھ مەسچىتى ھاراق بوتۇلكىلىرىدا


2007.07.11

bayawandiki-bulaq-150.jpg
"باياۋاندىكى بۇلاق" نىڭ كورۇپكىسى.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرىدە ھاراق ‏- شاراپ ئىچىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا ھاراققا نىسبەتەن چەكلەش تۇيغۇسى ئاجىزلاشتى.

شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھەمدە خىتايدا ياسالغان ھاراقلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىستىمالچىلىرىغا ئايلاندى، ئەمما ئۇلار شىرەگە تىكلەنگەن ھاراقلار ئارىسىدا "باياۋاندىكى بۇلاق" ماركىلىق ئالاھىدە ياسالغان ھاراقنىڭ بۇتۇلكا ھەم كورۇپكىلىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەزىز تاۋاپگاھى، ئۇلۇغ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە قاتتىق غەزەپكە كەلمەكتە.

" ئىلى جىڭگۇ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى " باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق ھاراق مەھسۇلاتىغا "ھېيتگاھ مەسچىتى" نىڭ سۈرىتىنى چاپلاپ بازارغا سالغانلىقى گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ھاراق ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىغا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىقىغا بەش يىلدىن ئاشقان ئىكەن. ھاراق ۋە ھېيتگاھ مەسچىتىدىن ئىبارەت زىددىيەتلىك ئۇقۇملارنىڭ ھاراق بوتۇلكىسىدا بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلاردا قوزغالغان نارازىلىق پىكىرلەر سەۋەبىدىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا دىققەت بەرگەيسىز.

ھاراق بوتۇلكىسىدىكى بىمەنىلىك

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق مەسچىتى ،قەشقەر دىيارىغا جايلاشقان ئۇلۇغ تاۋاپگاھى ھېيتگاھ جامەسى بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مۇقەددەس جاي . ئەمما بۇ مەشھۇر مۇقەددەس مەسچىت نامىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنىدا ھارام دەپ چەكلىنىدىغان ھاراقنىڭ بوتۇلكا كورۇپكىلىرىدا ئىشلىتىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك.

شۇنداقلا بۇنىڭ دىنىي ھەم مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىشى تەبىئىي ، يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ئەڭ ئاۋات تېمىغا ئايلاندى. ئىنتېرنېتتە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ھاراق بوتۇلكىسىدا پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ، مىللىي ئۆرپ ‏- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

بىز ئۇيغۇرلاردا بىردەك نارازىلىق قوزغاۋاتقان مەزكۇر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىلى جىڭگۇ ھاراق چەكلىك شىركىتى ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق ھارىقىنىڭ كوروپكا ھەم بۇتۇلكىسىنى لايىھىلىگەن شىبېي فۇلەي ئېلان باسما چەكلىك شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ھەم ئۆرپ ‏- ئادىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ

ئىلىدىكى، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى ئەتراپىغا جايلاشقان جىڭگۇ ھاراق چەكلىك شىركىتىنىڭ ھاراق ئىشلەش زاۋۇتىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفوننى ئالغان بۇ خىتاي ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلارنى سېتىش بۆلۈمىگە مەسئۇل خادىم بولۇپ ، ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئۇ ھېيتگاھ مەسچىتىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سۈرىتىنى ھاراققا ئىشلەتكەنلىكىنى ، شىركەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مىللىي ھېسسىياتىغا سەل قارىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ شىركەتتىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىنى چۈشىنىپ كەتمىگەچكە بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ھاراق زاۋۇتى 2005 - يىلى ئىقتىسادى سەۋەبتىن بەربات بولغان بولۇپ ، ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈنلەي توختاپتۇ ،ئۇ پەقەت زاۋۇتتا ئېشىپ قالغان مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالغان بىردىن ‏- بىر خادىم ئىكەن. ئۇ يەنە " ئىلگىرى ئىشلەنگەن بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىمىز يەنىلا بازاردا بولۇشى مۇمكىن "دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق بۇ ھاراق ئىشلەپچىقىرىلغانغا بەش ‏- ئالتە يىل بولغان بولسىمۇ ، بۇ ھەقتە يەرلىك خەلقتە نارازىلىق پىكىر پەيدا بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى ئىكەن . ئۇ بۇ ھەقتە " بىزنىڭ بۇ جايدىكى مىللىيلار مۇنداق ئىشلارغا بەك سەزگۈر ، ئەمما بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنىپ ناھايىتى بازار تاپتى . ھازىرغا قەدەر بىرەر ئادەم بۇ ھەقتە بىزگە پىكىر بېرىپ باقمىدى" دەيدۇ.

"مۇسۇلمان ئىستىمالچىلار ھاراقتا ئىسلام بەلگىسىنى كۆرگەندىن كېيىن سېتىۋالىدۇ... "

بىز يەنە، باياۋاندىكى بۇلاق ناملىق 48 گرادۇسلۇق ئاق ھاراققا ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىپ ماركا ھەم كوروپكا لايىھىلىگەن ، ئۈرۈمچىدىكى شىبېي فۇلەي ئېلان باسما چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ليۇ ۋېيجىڭغا تېلېفون ئۇلىدۇق.

ليۇ دېرىكتورمۇ ؟

‏- ھە مەن. بۇ فۇلەي شىركىتى.

-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى. مەن سوراپ باقسام ، باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق ھاراقنى بىلەمسىز ؟

‏- بىلىمەن ، بۇ ھاراق شىنجاڭدا داڭلىق ماركىلىق ھاراق.

‏-بۇ ھاراقنىڭ كارۇپكىلىرىنى سىلەر لايىھىلىگەنمۇ؟

‏- شۇنداق ، بىز لايىھىلىگەن . ئۈستىدە ھىلال ئاي شەكلى بار قۇرۇلۇش چۈشۈرۈلگەن ماركا بارمىكەن، ھە شۇ بىز لايىھىلىگەن مۇسۇلمانچە ماركا.

-سىلەر نېمە ئۈچۈن ھاراق ماركىسىغا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىنى ئىشلەتتىڭلار؟

‏- مەسچىتنىڭ بەلگىسىنى دەمسىز ، شىنجاڭدا سېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتتا شۇنداق مۇسۇلمانچە بەلگە بولۇشى شەرت . چۈنكى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق، مۇسۇلمان دېگەندەك ئامما، پەقەت شۇ بەلگىنى كۆرگەندىلا ئاندىن مەھسۇلاتنى سېتىۋالىدۇ.

-ئۇنداقتا ھاراق مۇسۇلمانچىمۇ ؟

‏- ھاراق زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سانائەت مەھسۇلاتى ئۇنى مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەس دەپ ئايرىمايدۇ.

- ئۇنداقتا ئىسلام دىنىدا ھاراق چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟

‏- ئۇنى بىلىمەن ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەت ئىستىمالچىلىرى مۇشۇ مۇسۇلمانچە بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن سېتىۋالىدۇ . بۇنى بىز بېكىتەلەيدىغان ئىش ئەمەس ، بۇنى دۆلەتلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرى بەلگىلىگەن.

- دېمەك ھاراققا چوقۇم مۇسۇلمانچە بەلگە قويۇش خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنمۇ؟

- توغرا.

-ئۇنىڭدىن باشقا سودا ‏- سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ لايىھىلىگەن مەھسۇلاتلىرىڭلارنى بازارغا سالالايسىلەر شۇنداقمۇ؟

‏- شۇنداق، مىللىي ئىشلار كومىتېتى ، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەمدە يېمەك ‏- ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن قانداق مەھسۇلاتلارغا مۇسۇلمانچە بەلگىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى رۇخسىتى بېرىلگەندىن كېيىن بۇ خىل بەلگىلەرنى ئىشلىتىمىز.

- سىلەر باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق ئاق ھاراقنىڭ بۇتۇلكا ھەمدە كورۇپكىلىرىنى لايىھىلىگەندە ھېيتگاھ مەسچىتىدىن ياكى قەشقەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ھېيتگاھنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىش رۇخسىتىنى ئالدىڭلارمۇ؟

بۇ سوئالىمغا ئۇ خۇددى مەن ئورۇنسىز سوئال سورىغاندەك كۈلدى.

سىلەر بۇنى ئىگىلەپ نېمە قىلماقچى؟

- نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا ھېيتگاھ مەسچىتى سۈرەتلىرىنىڭ ھاراق بوتۇلكىلىرىدا پەيدا بولغانلىقىغا نارازىلىق پەيدا بولدى، ئۇلار بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ ‏- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ تەنقىد قىلماقتا. چۈنكى ھېيتگاھ مەسچىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغلايدىغان ئورنى . سىز ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بەرمەكچى؟

- ئۇنداق بولسا ، بۇ سوئالغا ھازىر قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمىدىم.

-بۇ ھەقتە نارازىلىق كۈچەيمەكتە سىلەر لايىھىلىگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىدىڭىزمۇ؟

‏- ئۇنداق بولسا بۇ ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى بىر سەۋەنلىك بوپتۇ.

- سىلەر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان رايوندىكى بىر شىركەت،نېمە ئۈچۈن يەرلىك ئاممىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەيسىلەر؟

‏- بۇ مەسىلىنى مەن ئېنىقلىغاندىن كېيىن بىر نېمە دىيەلەيمەن.

مانا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى15 يىلدىن بۇيان داڭدار ھاراق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان ھەمدە ماركىلىرىنىڭ لايىھىسىنى ئىشلەۋاتقان چوڭ شىركەتنىڭ دېرىكتورىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە مۇسۇلمانلارغا بولغان چۈشەنچىسى. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونىدا ياشاۋاتقان كارخانىچىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىسى شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ئېڭى.

ئۇنداقتا ئۇلۇغ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىماملىرىنىڭ، مەسچىتنىڭ ئاق ھاراق بوتۇلكىلىرىغا چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارمۇ ‏- يوق ؟ ئۇلار بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرماقچى ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز ، ئەتىكى ئاڭلىتىشىمىزغا داۋاملىق دىققەت بەرگەيسىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.