ھېيتگاھ جامەسى غەزەپتە

0:00 / 0:00
bayawandiki-bulaq -150.jpg
"باياۋاندىكى بۇلاق" نىڭ كورۇپكىسى.

ھېيتگاھ جامەسى كۆرۈنۈشىنىڭ بىر خىتاي ھاراق شىركىتى ئىشلىگەن باياۋاندىكى بۇلاق ناملىق ئاق ھاراقنىڭ بوتۇلكا ھەمدە كورۇپكىلىرىغا چاپلانغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەسىلە بولۇپلا قالماي ،ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىزدىن ‏- ئېغىزغا كۆچۈپ ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق ھەمدە غەزەپ قوزغاۋاتقان نازۇك ھەم كۆپ تەرەپلىمە مەسىلە بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنىدا ھارام دەپ چەكلەنگەن ھاراقنىڭ بوتۇلكىلىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ تاۋاب گاھى ، مۇقەددەس ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ چاپلانغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھاقارەت ۋە بىمەنىلىكتىن، ھېيتگاھ جامەسى ئۆلىمالىرىنىڭ خەۋىرى بارمۇ ‏- يوق ؟ مەزكۇر ۋەقەگە ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرماقتا ؟

ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا ...

بىز ھېيتگاھ جامەسى كۆرۈنۈشىنىڭ "باياۋاندىكى بۇلاق " ماركىلىق ئىلى جىڭگۇ ھاراق چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئاق ھاراقنىڭ بوتۇلكا ھەمدە كورۇپكىلىرىغا ئىشلىتىلگەنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ئالدىنقى پروگراممىمىزدا مەزكۇر ھاراق زاۋۇتىنىڭ ھەمدە باياۋاندىكى بۇلاق ناملىق ھاراقنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىلا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغانلىقى ھەققىدە ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىزنى ئاڭلاتقاندىن باشقا يەنە ، بۇ ھاراقنىڭ بۇتۇلكا كارۇپكىلىرىنى لايىھىلىگەن شىبېي فۇلەي ئېلان شىركىتى دېرىكتورىنىڭ " مۇسۇلمانچە بەلگە قويغاندىلا مىللىيلار بۇ ھاراقنى سېتىۋالىدۇ " دېگەندەك زىددىيەتلىك ھەمدە بىمەنە جاۋابلىرىنى ئاڭلاتتۇق.

گەرچە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھاراق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ھەمدە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھەتتا ، سودا سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە سەل قارىغانلىقى، خەلقنىڭ ئېتىقاد ، ئۆرپ ‏- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىقى قاتارلىق سەۋەنلىكلەر كىشىدە سوئال پەيدا قىلىپلا قالماي ،بۇنىڭغا قارىتا بىۋاستە ھۆرمەت ئابرويى بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولغان ھېيتگاھ جامەسى مەسئۇللىرىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە مىللىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان بىر مەسىلە .

ئەجىبا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ نارازىلىق پەيدا قىلغان ئۇلارنىڭ دىنىي ھەم مىللىي ھېسسىياتى ھەم غۇرۇرىغا زەربە بەرگەن، نارازىلىق ھەتتا غەزەپ قوزغاۋاتقان بۇ مەسىلىدىن ھېيتگاھ مەسچىتى ئۆلىمالىرىنىڭ خەۋىرى يوقمۇ ؟ قېنى ھېيتگاھ مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ كۆرەيلى.

ئۇلار كېچىكتىمۇ؟

گەرچە ھېيتگاھ جامەسى كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن باياۋاندىكى بۇلاق ماركىلىق ھاراق بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ھاراق سورۇنلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، بۇ مەسىلە ئاخىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ئوتتۇرىغا چىقتى ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇرلار كۆپ تەرەپلەردىن مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە ، بەزىلەر بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ قايسى دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنىڭ ، ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دېسە ، يەنە بەزىلەر مۇناسىۋەتلىك شىركەت ھەم ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن باشقا ، ئۆزىمىزدىكى بىخوتلۇقتىنمۇ كۆرۈش كېرەك دەيدۇ شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى، مۇسۇلمانلارنى ھاراققا بېرىلمەسلىككە تەۋسىيە قىلماقتا.

ھەر ھالدا ھېيتگاھ جامەسى مەزكۇر مەسىلىدىن يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىلا ئەمەس ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق خەلقنىڭ تاۋاب قىلىدىغان ئۇلۇغ جايىنىڭمۇ قوغدالمايۋاتقانلىقىدىن، تاپاۋەتچىلەرنىڭ خالىغانچە ئېتىبارسىزلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى ،شۇنداقلا بۇ مەسچىت مۇتىۋەللىسى ئېيتقاندەك ئۇلار قانۇنىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقچى ؟

ئەپسۇس ، مەزكۇر مەسىلىدە ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى ئىلى جىڭگۇ ھاراق چەكلىك شىركىتى ۋەيران بولغان ،زاۋۇت ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈنلەي توختىغان بۇ ۋاقىتتا ، ئىشتىن توختىغان ھازىرقى پەيتتە كىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك ؟ مەزكۇر مەسىلىدىن ئازار يىگەن ھېيتگاھ جامەسى، ئۇيغۇر خەلقى ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ ھەقلىق داۋاسىنى ئاققۇزالامدۇ ؟ بۇلارغا يەنىلا ۋاقىت ھەم ئەمەلىيەت جاۋاب بەرسۇن . مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلرىمىزنى خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىمىز. (گۈلچېھرە)