قازاقىستاندا ھېزىم ئىسكەندوروپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرى ھەزىم ئىسكەندوروپتۇر. ھېزىم ئىسكەندوروپ، ئۆمەر مۇھەممىدى ، نۇر ئىسرائىلوپ، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 20 - ئەسىرنىڭ 20 – 30 - يىللىرىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئىدى. ھېزىم ئىسكەندوروپنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ئۇيغۇر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلا ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زامانىۋى شېئىرىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

2 – 3 – ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستاندا ۋەتەنپەرۋەر شائىر ھېزىم ئىسكەندوروپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.