ھىندىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00
hindistan-bomba.jpg
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈشتىن تارتىلغان بۇ رەسىمدە ھىندىستان تەرىپىدىن سىناق قىلىنغان ئاگنى-3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا.AFP

ھىندىستان 12 ‏- مارت كۈنى بېنگال قولتۇقى ۋىلېر ئارىلى ئورىسسا قىرغىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاگنى-3 تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان قويۇپ بەرگەن ئاگنى-3 يەنى "يالقۇن-3" ناملىق بۇ بومبا خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغىيالايدىكەن.

قۇدرەتلىك بومبا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىنگاڭ، خىتاينىڭ ھىندىستان ئېلىپ بارغان مەزكۇر سىناققا يېقىندىن دىققەت قىلغانلىقىنى ھەم ھىندىستاننى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

يەر يۈزىدىن يەر يۈزىگە قويۇپ بېرىلىدىغان ئاگنى-3 تىپلىق بۇ بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 3000 كىلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 1. 8 مىتېر، ئۇزۇنلۇقى 16 مىتېر، ئېغىرلىقى 48 توننا بولۇپ، ئۇ 1. 5 توننا ئېغىرلىقتىكى يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 ‏- ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن ئەتىگەن سائەت 10 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە ئاگنى-3 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. ئاگنى-3 بومبا سىنىقى ئۇدا 3 نۆۋەت كېچىكتۈرۈلگەندىن كىيىن 2006-يىلى 9- ئىيۇلدا بىرىنچى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى بەلگىلىگەن نىشانغا تەگمىگەن ئىدى.

ئاگنى-3 نى قويۇپ بېرىشتە، كالايكۇندا بازىسىغا جايلاشقان ئاۋىئاتسىيە كونترول مەركىزى، كولكاتادىكى ھىندىستان ئايروپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شەرقى دېڭىز ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابى قاتارلىق ئورگانلار يېقىندىن ماسلاشقان.

ببك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەرگەن ئۇچۇردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھىندىستان تەرەپ بومبا قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشتىن ئالدىنئالا خەۋەردار قىلىپ قويغان. 2005-يىلى 10-ئايدا بۇ ئىككى دۆلەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتە قارشى تەرەپنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

گەرچە خىتاي قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان سىناق قىلغان ئاگنى-3 پاكىستاننىڭ ھەربىي زاۋۇتلىرىدىكى ھەرقانداق بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزاق مۇساپىلىك ۋە ئەڭ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئايلىنىپ قالغان.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرى، ئاگنى-3 نىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 3000 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ مۇساپىسىنى 5000 كىلومېتىرغا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھىندىستاننىڭ ھەربىي كۈچى

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھىندىئىستان ئالىملىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەت ئەڭ ئىلغار راكېتا يېتەكلەش تېخنىكىسىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، بومبا ھاۋاغا 90 كىلومېتىر كۆتۈرۈلۈپ ئاتموسفېرانى تىك ھالەتتە كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەر يۈزىگە قايتىپ شەرقىي ھىندى ئوكياننىڭ نىكوبار ئارىلىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا بارغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 30 ‏- مارت ھىندىستان دانۇش ناملىق يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇ بومبا بېنگال دېڭىز قولتۇقىدا چنادىپۇر سىناق مەيدانىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 2500 كىلومېتىر بولۇپ 750 كىلوگرام يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.

ھىندىستان 1998 - يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋە بىر يۈرۈش يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېتەكلەش سىستېمىسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە 700 كىلومېتىر مۇساپىلىك ئاگنى-1 ۋە 2500 كىلومېتىر مۇساپىلىك ئاگنى-2 لەر بار.

ئاگنى-3 2008- يىلى ھىندىستان قوراللىق قىسىملىرىغا رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئىتالىيە ۋە ھىندىستانلىق ئالىملار بىرلىكتە مەزكۇر بومبىنى يەنە 3 مەرتە قويۇپ بىرىش سىنىقى ئىلىپ بارىدىكەن. (جۈمە)