ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ ھىندىسىتاندىكى پورت، ئالاقە، رەڭلىك مىتال ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى قاتارلىق سەزگۈر ساھەلەردە مەبلەغ سېلىشىغا رۇخسەت بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھىندىستاندىكى چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى ھەققىدە چىقىرىلغان يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، خىتاينىڭ پەقەت يوقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن ساھەلەردىلا ئەمەس، ھەرقانداق ساھەدە مەبلەغ سېلىشى ھەققىدە مىللىي بىختەرلىك جەھەتتىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ھىندىستانغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئاندراجىت باسۇنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاي ھىندىستاندا رەسمىي يوسۇندا بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ بېكىتىلىدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندا ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەرقانداق تىجارەت پائالىيىتى ياكى مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە چىقىرىلىدىغان يېڭى قانۇن ئاللىقاچان ھىندىستاندا باشقا چەت دۆلەت شىركەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشىنى ۋە ھىندىستاندا سودا پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ.

يېقىندا خىتاينىڭ ئىككى چوڭ تېلېفون شىركىتى، ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركىتى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يانفون بازىرى ئۈچۈن ئىچىلغان سودا رىقابىتىگە قاتنىشالمىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى تېخنىكىلىق سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ مەزكۇر بازارغا كىرىشىنى چەكلىدى. شۇنداقلا ھىندىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى 12 ئايلىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، مەركىزى ھوڭكوڭدىكى ھوتچىنسون پورت ياساش ۋە ئىشلىتىش شىركىتىنىڭ، ھىندىستاننىڭ مومباي ۋە چىمناي پورتلىرىدا كونتېينېر ئىسكىلاتى قۇرۇش تەكلىپىنى مىللىي بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن رەت قىلىغان.

ھىندىستاننىڭ تەدبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا

1962‏- يىلىدىن بېرى يەنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتىن كېيىن، بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن خىتاي ۋە ھىندىستان يېقىنقى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەۋجۇت ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاندراجىت باسۇنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاندا خىتاينىڭ بىر بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراش كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان پەقەت چوڭ قۇرۇقلۇق شىركەتلىرى ئەمەس، ھوڭ كوڭ ۋە ماكاۋ شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن رۇخسەت بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى پائالىيەتلىرگە قارشى ئالغان تەدبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئاي ھىندىستان سانائەتچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سورۇندا، خىتاي خەلقئارا سودىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ جىنجېن ھىندىستان ۋەكىللىرىگە خىتاينىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە تۇتقان پوزىتىسيىسىگە بولغان نارازىلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىقى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندا سودا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (قانات)