ھىندىستان خىتاينىڭ زېمىن تەلىپىنى رەت قىلدى


2006.11.15
life-india-china-1962.jpg
بىر ھىندىستان ئەسكىرى خىتاي – ھىندىستان ئۇرۇشىدا خىتاي چېگرىسىغا يېقىن جايدا. "Life" ژورنىلىنىڭ 1962 – يىلى 16 – نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. Image courtesy: Life

زېمىن مەسىلىسى خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تالاش - تارتىشتىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىبەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئارۇناچال پرادېش شتاتى بىلەن جامۇ - كەشمىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئاقسايچىن رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خىتاي - ھىندىستان ئارىسىدا 1962 - يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

"ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ - 20 نويابىر كۈنى باشلىنىدىغان ھىندىستان زىيارىتىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭ ۋە پرېزىدېنت ئابدۇكېرىم كالاملار بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندا سودا قىلىشىنى قولايلاشتۇرىدىغان خىتايغا ئەركىن بازار دۆلەتلىك ئورنى بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. لېكىن چېگرا مەسىلىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سەپىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇچرىشىش ئالدىدىكى زىمىن تالىشى

خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىسى سۈن يۈشى دۈشەنبە كۈنى ئارۇناچال پرادېش شتاتىنى خىتاي زېمىنى، دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، چېگرا مەسىلىسى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ھالقىلىق پەيتتە ، يەنە تالاش تارتىش قوزغىدى. ھىندىستان بولسا خىتاينىڭ زېمىن تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئارۇناچال پرادېش ۋە خىتاي تەرەپ كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاقسايچىن رايونلىرىنى ھىندىستان ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زېمىنلار، دەپ ئەسكەرتمەكتە.

سۈن يىشى ھىندىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا "سىلەر ئارۇناچال پرادېش شتاتى، دەپ ئاتىۋالغان زېمىننىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيىسى. بىزنىڭ بۇ زېمىنلاردا ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن سەيشەنبە كۈنى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پراناب مۇكېرجېي خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، "ئارۇناچال پرادېش ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى" دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ باشلىقى سىڭ، خىتاي ئەلچىسى بۇ مەسىلىنى "مەتبۇئاتتا مۇنازىرە قىلماسلىقى كېرەك ئىدى" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي سۈن يىشىنى ئاقلاپ، جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى "ناھايىتى ئېنىق" دېدى. جياڭ يۈي "بۇ مەسىلىنى دوستانە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ توغرىسىدا ئىنچىكىلەپ توختىلىشنى خالىمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى زىمىن تالىشىدا يەكەن خانلىقى چېگرىسىنى پاكىت قىلماقتا

INDIA-CHINA-POLITICS-DEF-20.jpg

كۆزەتكۈچىلەر ، سۈن يىشىنىڭ سۆزىنى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە پايدىسىز ۋەزىيەت يارىتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇي، "خۇ جىنتاۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا سۈن يىشىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە پايدىسىز ۋەزىيەت يارىتىدۇ " دېدى. ھىندىستان - خىتاي ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش تىبەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ھىندىستان چېگرىسىدىكى 125 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىنغا چېتىلىدۇ. خىتاي ئاقسايچىن رايونىنى 1962 - يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىدا بېسىۋالغان. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى 16 - ئەسىردە يەركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زېمىنلار ئىدى، دەپ داۋا قىلغان. يېڭى دېھلى ئاقسايچىندىكى خىتاي ئىگىلىۋالغان 38 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىننى ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايون، دەپ ئېلان قىلسا، خىتاي ئارۇناچالدىكى 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىننى، بولۇپمۇ مەزكۇر شتاتنىڭ تاۋاڭ رايونىنى خىتاي زېمىنى، دەپ جاكارلىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، تاۋاڭ رايونى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ جاي 6 - دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدۇر. "ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 2005 - يىلى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئاقسايچىننى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن ئارۇناچالنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ھىندىستان ئادەم ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئۈستىدە خىتاي بىلەن سودىلىشىشنى رەت قىلماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر: تىبەت مەسىلىسى ھەل قىلىنسا چېگرا مەسىلىسى ھەل بولۇشى مۇمكىن

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى خەۋەرلەردە ھىندىستان ئارۇناچالغا، خىتاي ئاقسايچىنغا ئىگە بولۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھىندىستان ئەمەلدارى، ھىندىستان -خىتاي سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ "بەزى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، ئەمما ئاخىرىقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن تېخى يىراق" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىدە چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس" دەپ قارىماقتا. گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈن يىشىنىڭ باياناتىغا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ھىندىستان سىياسىي ساھەسىدە غۇل -غۇلا قوزغىدى. دائىم خىتاينى مەدھىلەيدىغان بېيجىڭپەرەس ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ قېتىم خىتاينى ئەيىبلىگۈچىلەر سېپىگە قېتىلدى. مەزكۇر پارتىيە، باش مىنىستىر مانمۇخان سىڭنى ھىندىستاننىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان بۇ سۆزلەرگە ھازىرغىچە زۇۋان سۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ باشلىقى سىڭ خىتاينىڭ چۈشەندۈرۈشىنى رەت قىلىش، سۈن يىشىنى قايتۇرۇپ كېتىش توغرىسىدا خىتايغا ئولتۇماتۇم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ليۇ شاۋجۇي، "خىتاي - ھىندىستان ئارىسىدىكى چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ يەنە بىرى تىبەت مەسىلىسىدۇر " دەيدۇ. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى 1959 -يىلدىن بېرى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تىبەت مەسىلىسىدۇر. بېيجىڭ تىبەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلسا، چېگرا مەسىلىسى ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇشى مۇمكىن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ليۇ شاۋجۇي، "تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئورنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى ھىندىستان ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى بېيجىڭغا چاقىرىپ، تىبەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.