خىتاي - ھىندىستان 10 ‏- قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى ۋە تېبەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارشى نامايىشى

0:00 / 0:00
INDIA-CHINA-BORDER-200.jpg
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموھان سىنغ ۋە خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داي بىڭگو 20 - ئاپرىلدىكى سۆھبەتتە. AFP PHOTO/RAVEENDRAN New Delhi, 20th April 2007

خىتاي بىلەن ھىندىستان 4 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنىدىن 22 ‏- كۈنىگىچە، خىتاي -ھىنىدستان چېگرىسىدىكى كۇنۇر شەھەرچىسىدە 10‏- قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەتكە خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىنگو بىلەن ھىنىدستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىھەتچىسى م . ك نارايانا قاتناشقان. ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا سۆھبىتى ئوچۇق-يورۇقلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىشىش مۇھىتىىدا ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندا، ھىندىستان تەرەپ پاكىستان بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشكە باشلىغان. گەرچە 1962 ‏- يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىل مابەينىدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 2003 ‏- يىلىدىن باشلاپ نارايانا بىلەن دەي بىنگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ۋەكىلى بۇ قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا نۇر غۇن خىزمەت ئىشلىگەن. ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ بۇ چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئۈمىدۋار.

درامسالادىكى تېبەتلىكلەر بۇ سۆھبەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي -ھىندىستان چېگرا سۆھبىتى جەريانىدا ھىندىستان تەرەپ "تېبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى. ھىندىستان تېبەت ھەرىكىتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللىمايدۇ. ھىندىستان پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تېبەتنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھۈرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلە ئالتە مىليون تېبەتلىكنىڭ ئارزۇيىغا ئاساسەن ھەل قىلىنىشى كېرەك ۋە تېبەت مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېبەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك" دەپ بايان قىلغان.

خىتاي بىلەن ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدا بۇ 10 ‏- قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقاندا، ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان تېبەتلىكلەرنىڭ ياشلار تەشكىلاتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار 'تېبەت تارىخىدىكى ئەمەلىي پاكىتقا ھۈرمەت قىلىنىشى كېرەك' دەپ شۇئار توۋلىغان. بۇ نامايىشچىلار، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىدىمۇ، يېڭى دېھلىدا ، خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇلار نامايىشتا خىتاي تېبەت زېمىنىدىن چىقىپ كەتسۈن، ئاق سايچىن رايونىدىن چىقىپ كەتسۈن، دەپ شۇئار توۋلىغان ئىدى.

تېبەتلەرنىڭ نامايىش قىلىشىنىڭ سەۋەبى

تېبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ 'ئانا يۇرت خەۋەرلىرى' دېگەن ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پۇربۇ تېنلىينىڭ درامسالادىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىنىدىستان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان 'خىتاي بىزنىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر ئەتراپىدىكى 43 مىڭ 180 كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنىمىزنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىپ ئىگىلىۋالغان زېمىن 5180 كۋادرات كىلومېتىر' دەپ كېلىۋاتىدۇ؛ خىتاي بولسا، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىدىكى 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىن جۇڭگونىڭ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى تاۋاڭ دېگەن جايدا" دەپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم جايلارنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تېبەت تەشكىلاتلىرى بۇ سۆھبەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى دالاي لامانىڭ سىياسىتى بىلەن ئوخشاش

'خەلقئارا تېبەت ھەرىكىتى' تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى رىنچىڭ تاشى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان تېبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېبەتلىكلەر ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى كېرەك، تېبەتنىڭ دىن، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تېبەتلىكلەر ئۆزى قوغدىشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى تېبەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ دالاي لامانىڭ باياناتى بىلەن ئوخشاش.

يەنە بىر جەھەتتىن، ھىنىدىستان 1959 ‏- يىلىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى تېبەتلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ھەر يىلى بىر نەچچە مىڭ ئادەم چېگرا ئاتلاپ ھىندىستانغا كېلىۋاتىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېبەت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېبەتكە قاراتقان سىياسىتى تېبەتلەرگە پايدىلىق سىياسەت ئەمەس، تېبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق. شۇڭلاشقا تېبەتلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۇتقان مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.

مەسىلىنى ھىندىستان ۋەكىلى بىلەن خىتاي ۋەكىلىلا ھەل قىلماسلىقى كېرەك

بۇقېتىم خىتاي بىلەن ھىنىدىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چېگرا سۆھبىتىگە قارىتا تېبەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرۇپ نامايىش قىلغانلىقى ھەققىدە، تېبەت ھەرىكىتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى رىنچىڭ تاشى ئەپەندى تەھلىل يۈرگۈزدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان چېگرا سۆھبىتىدە تالاش-تارتىش بولغان زېمىن ئىچىدە تېبەت زېمىنلىرى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرى بار، تېبەتلەر بۇنداق مەسىلىنى ھىندىستان ۋەكىلى بىلەن خىتاي ۋەكىلىنىڭلا ھەل قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا بۇنداق بۇ قېتىم يەنە بۇنداق نامايىش يۈز بەرگەن. )ۋەلى (