"قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسەر نەشىرگە بېرىلدى (2)


2006-07-24
Share

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قاراجۈلدىكى جەڭ "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق خەلق قوزغىلىڭى بولۇپ، بۇ ۋەقە 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قەسقەردە يۈز بەرگەن.

"شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" رەھبەرلىك ئورگىنى، ئەينى چاغدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، مەخپىيەتلىك پاش بولۇپ قېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.

شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا، ئاز دېگەندە 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. 800 گە يېقىن كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 2000 دىن ئارتۇق كىشى مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان.

1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى باشلايدۇ.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۇردى ئېلى، ئابدۇرېھىم ئايۇپ، ئابدۇرېھىم پىتەك، ئابدۇرېھىم ئېمىنوپ ۋالى، ئوبۇلقاسىم ھامىت قاتارلىق كىشىلەر ئەسلىدە "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" قەشقەر شۆبىسىنىڭ رەھبىرى خادىملىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى قوراللىق قوزغىلاڭدىن ئىلگىرى، خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنىدۇ. قەشقەردىكى قوراللىق كۈچلەر قوزغۇلاڭنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ قوزگۇلاڭچىلار خىتاي ھەربى كۈچلىرى بىلەن قانلىق توقۇنىشىدۇ. قەشقەردىكى قوراللىق قوزغىلاڭ قوماندانلىق شىتابىنىڭ رەھبىرى ئاخۇنۇپ قاتارلىق كىشىلەر ئىككى كۈنلۈك كەسكىن ئېلىشىشتىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قەشقەردىكى ھەربى مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ، بۈگۈنكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى "قاراجۈل" يېزىسىغا توپلىنىدۇ. ئۇلار يول بويى ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ، خىتايلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان يەكەن، مارالبېشى، مەكىت، يېڭىسار، يوپۇرغا قاتارلىق ناھىيىلەردىكى "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" نىڭ قوراللىق كۈچلىرىمۇ، بۇيرۇققا بىنائەن كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، "قاراجۈل" يېزىسىغا يېتىپ كەلمەكچى بولغان بولسىمۇ، يولدا توسۇپ زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي ئارمىيىسىگە دۇچ كېلىپ، كەسكىن جەڭلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە نۇرغۇنلىغان كىشى شېھىد بولىدۇ ۋە دۈشمەن ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، "قاراجۈل" يېزىسىدا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قەشقەردىن چىققان "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" نىڭ ئاخىرقى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا جىددى ئېتىشىش يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئاخۇنۇپ، مىجىت، خەيرۇللاھ، ئوسمانجان، مەرگەن قاتارلىق "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" قوماندانلىق شتابىنىڭ رەھبەرلىرى جەڭ مەيدانىدا شېھىد بولىدۇ. "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق بۇ ئەسەردە، مانا شۇ ۋەقەلىك تەپسىلى بايان قىلىنغان.

1970 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قەشقەردە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، يەنە يەتتە نەپەر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئونلىغان كىشى ئېغىر قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. قاماق جازاسىغا ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىمۇ بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى" دەپ ئاتالغان تۇرمىسىدا 15 يىللىق جازا مۇددىتىنى تۈگۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. پات ئارىدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرغان "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسەر ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىنىڭ رېئال سەرگۈزەشتىلىرىدىن ئىبارەت.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت