0:00 / 0:00
ئىنگلىز رېژىسسور بەن خوپكىنس ئىشلىگەن قىرغىزلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن "قويدىن پايدىلىنىشنىڭ 37 خىل يولى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 56-نۆۋەتلىك بېرلىن فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتلاندى.
فىلىمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئافغانىستانغا، كېيىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ۋەن ۋىلايىتىنىڭ ئەرجىش ناھىيىسى ئۇلۇپامىر يېزىسىدا ياشاۋاتقان قىرغىزلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سىنغا ئېلىنىشىغا قاتناشقان تۈركىيە كىنوچىلىق باشلىقى ئەخمەت بوياجىئوغلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.