خىتاي ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە


2006.09.04
hujia-200.jpg
بېيجىڭدىكى "ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى" مەسئۇلى، ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 31‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان تۈرلۈك تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان. خىتايدا ھازىر يېڭى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش توڭلىتىپ قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى بار بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كىچىكلەپ ماڭغان. شۇنداقلا خىتاي چەتئەل مەبلىغىغە ئېرىشكەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ

خىتاينىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەل مەبلىغىغە ئېرىشكەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات "بېيجىڭ رېنجىچۈئەن ئىشخانىسى" نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ياڭ زەيشىن بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەسلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ قاتتىق بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى:

"ئۆتكەن يىلىلا بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ئىدۇق. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدەك رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. رەڭلىك ئىنقىلاب دېگىنىمىزدە چەتئەلنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ جەھەتتىكى ياردىمى بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ياردەملەرنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسى كۈچلۈك بولغاچقا، ھازىر قايسى تەشكىلات چەتئەل مەبلىغىغە ئېرىشىۋاتىدۇ دېگەننى ئايرىپ يۈرمەستىنلا، بىر تۇتاش بارلىق ھۆكۈمەتتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى".

خىتاي 2008 – يىلدىكى ئولىمپىك ھەرىكىتىدىن بۇرۇن تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

بېيجىڭدىكى "ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزى" مۇ چەتئەل مەبلىغىغە ئېرىشىدىغان بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا فورت فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەتتى. خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇلى يەنى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فورت فوندى جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى فوندى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دۈشمەن كۈچلەر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئېنىق قىلىپ ئېيتقان، ئۇلار فورت فوندى جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئورۇنلارنى مەقسەتلىك ھالدا تىنچ يولدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش نىشانى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئورگانلارنىڭ پائالىيەت تۈرلىرىنى قاتتىق كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي -ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىرلىكتە تۇتۇش قىلىپ، 2008‏- يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت بولىدىغان ئامىللار ئۈستىدىن تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ"

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر دۆلەت بېجى ۋە يەرلىك باجنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە يوللىرى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، ھازىر خىتايدا 2-3 مىڭ ئەتراپىدا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بار بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلاتلارنىڭ كۆلىمى ئادەتتە كىچىكرەك ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى ئىكەن.

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايدىكى "تەبىئەت دوستى" دېگەن يەنە بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنى خىتاينىڭ مەملىكەت سىياسىي كېڭەش ئەزاسى پروفېسسور لياڭ سوڭجيې 1994‏- يىلى قۇرغان بولۇپ، بۇ ئورۇن تېزدىنلا خىتايدىكى تەسىر دائىرىسى چوڭ بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ خىزمەت تېلېفونلىرىدىن تارتىپ مەسئۇل خادىملارنىڭ شەخسىي تېلېفونلىرىغىچە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق سۆھبەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان. شۇ سەۋەبتىن خۇ جيا ئەپەندى خىتايدىكى بارلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى خۇلاسىلىدى.

خۇ جيا يەنە، ئۆتكەنكى 10 يىلدا خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، ئەمما كەلگۈسى 2-3 يىلنىڭ ئىچىدە بۇ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىنىڭ چوقۇم ئېغىر توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ئىلگىرى خىتايدىكى تەشكىلاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرغان بولسا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قايتا باش كۆتۈرىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلاندى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.