" نيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى


2004.09.24

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى"، گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى،گېزىت دائىرلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى، "نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، جاڭ زېمىننىڭ خىتاي كومپارتىيىسى 16 -قۇرۇلتىيى 4 -ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزى ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش تەلەپلىرىگە ئائىت مەزمۇندا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.

بىراق خىتاي دائىرىلىرى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى،"نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى" تەتقىقاتچىسى جائو يەننى قولغا ئېلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

"نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى"، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جاڭ زېمىننىڭ 4 - ئومۇممىي يىغىن مەزگىلىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىپ، ۋەزىپىنى مەركىزى ھۆكۈمەت باش سېكرىتارى خۇ جىڭتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن 2002 - يىلى سايلانغان يېڭى رەھبەرلىكنىڭ ۋەزىپىنى پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، جاۋ يەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىئىنىڭ بىر پارچە ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر ھۆججىتىدە" جاۋ يەن، قانۇنسىز ھالدا چەتئەللىكلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن"- دىيىلگەن بولۇپ، جاۋ يەننىڭ دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جاۋ يەن قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان، جاۋ يەننىڭ دوستىنىڭ تەكىتلىشىچە، جائې يەن ھىچقاچان چەتئەللىكلەرنى بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ئەمەس.

"نيورىك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، جائو يەننى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار جائو يەننىڭ ئاللىقاچان قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، " نيورك ۋاقتى گېزىتى"دىكى خادىملار خىتاي دائىرلىرىدىن جائو يەنننىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەپلىرىنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ بىراق ھىچقانداق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن.

" نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ تەكىتلىشىچە، جاۋ يەننىڭ، مەزكۈر گېزىتنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغىنىغا ئاران 4 ئاي بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەپسىزلا خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى گېزىت دائىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، نۆۋەتتە گېزىت مەسئۇللىرى ئاق ساراي ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىدىن، جاۋ يەننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

جاۋ يەن، ئەسلىدە " خىتاي ئىسلاھات " ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، دىخانلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئاشكارلايدىغان بىر يۈرۈش ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

تەيۋەندە چىقىدىغان" بىرلەشمە گېزىت " تە ئېيتىلىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، خەلقئارادا غۇل - غۇلا قوزغىلىش بىلەن بىرگە" نيۇ-يورك گېزىتى"نىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى مۇخبىرى جاۋ يەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇمانلىق نىشان دەپ قارالغان.

" بىرلەشمە گېزىت" نىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە،"نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" جاڭ زېمىننىڭ تەختتىن چۈشۈدىغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلاشتىن سىرت، يەنە جاڭزېمىننىڭ بوغاز راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەتتا خىتاينىڭ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 4 - ئومۇمى يىغىننىڭ ئېچىلىدىغان يىغىن زالىنىڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىگە ئوخشاش، ئىنچىكە ۋە ئىچكى مەسىللەرنىڭ ئاشكارلىنىشى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ جاۋ يەندىن گۇمانلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

دىمەك، خىتاي ھۆكۈمىتىتى، جاڭ زېمىننىڭ ئىستىپا بېرىش ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئالدىن - ئالا دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قېلىش سەۋەبىنى جاۋ يەندىن كۆرگەن.

جاۋ يەن، تېخى بۇ يىل 5 -ئايدا"نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى ۋە مۇخبىرى بولغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.