ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە موڭغۇللار بىرلىشىپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى قوزغىدى

كېلەر يىلى سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ب د ت كىشىلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئەزالىرىنى سايلايدۇ. خىتاي 47 دۆلەتنىڭ ئەزالىقىدىكى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا ئۆزىنى يەنە نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.07
yang-jyenli-tibet-namayish-305.jpg «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى تىبەتلەرنىڭ نامايىشىدا سۆز قىلدى. 2012-يىلى 8-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA

بىراق ئۇيغۇر تىبەت، خىتاي ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئەزالىقىغا قارشى چىققان. ئۇلار يېقىندا بىرلىشىپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىقىغا قارشى خەلقئارا ھەرىكەت قوزغىدى.

بۇ ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ب د ت قارمىقىدىكى بىر خەلقئارا ئورگانغا ئەزا بولۇشىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىشىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ۋە جۇڭگو پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى قاتارلىق 4 تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتاينىڭ 2013‏-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يەنە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا قارشى تۇرغان.

بۇ 4 تەشكىلات سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ب د ت ھەرىكەت پروگراممىسى» ناملىق مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈنلەي ئادا قىلمىغانلىقىغا تارتىش، ۋە خىتاينىڭ 2013‏-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار باياناتتا خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ۋە ئالغا سۈرىدىغان يۈكسەك بىر ئورگان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سۆز قىلىش، يىغىلىش، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قەبىھلىك بىلەن جازالاپ كەلدى. بۇ بارلىق ئەللەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلە» دەپ تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ھەرىكەت خىتاي يېقىندىن بۇيان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلىش ۋە توختىتىش توغرىسىدىكى قارارلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن رەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بىر مەزگىلدە باشلىغان.

ياڭ جيەنلى مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىدىن «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئۇ رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىغا ھېچقانداق سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «جۇڭگو دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت. جۇڭگونىڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە نۇرغۇن ئۆكتىچى زاتلارنى قاماققا ئالغانلىقى بىز ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار رايونلىرىدا مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي تۇتقۇن قىلىش ۋە مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىنى يولغا قويدى. كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈزبەردى. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتى يوق» دەيدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 2006‏-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنى تەقىب قىلىش جەھەتتىكى ھوقۇقى كۈچەيتىلگەن ئىدى. نىزامنامىغا ئاساسەن ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم سايلايدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار باياناتىدا، خىتاي ب د ت نىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇققا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتكۈل جۇڭگودا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭەشكە «نامزات دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتتىكى تۆھپىسى كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتايغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق سودا-ئىقتىسادى ۋە مەنپەئەت بىرلىك مۇناسىۋىتى بار كېلەڭسىز بىر دۆلەتنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىشتىن توسۇپ قېلىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن ياڭ جيەنلى مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مەنپەئەت بىرلىكىنى كۆزلەپ، ئۇنى رەنجىتىشكە پېتىنالمايدىغانلىقى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خىتايغا زور خەلقئارا بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە ئۇلار ناھايىتى رىيالىست بولۇپ، بىز ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سالسىمۇ، بىراق ئۇ مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ زۇۋان سۈرۈش-سۈرمەسلىك مەسىلىدە بىزنىڭ يەنىلا مەلۇم ئىشەنچىمىز بار. غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىقىمىزدىن قەتئىي نەزەر بىز بىر ئادەم، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرۇغۇچى تەرەپكە ۋەكىللىك قىلغۇچى ۋە جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز سادايىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. بېسىم كۈچەيسە، باشقا دۆلەتلەرنى بىزنى قوللىمايدۇ،دېگىلى بولمايدۇ. بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىسا، ئېھتىمال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا داۋاملىق سايلىنىشنى كۆزلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشى مۇمكىن. مانا بۇ بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان مۇددىئايىمىز. بىز ئۇلارنىڭ يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق «ب د ت ھەرىكەت پروگراممىسى» نى قوزغىغان تەشكىلاتلار يەنە توردا شەخسلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ھوقۇق كېڭىشىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىپ، ئىمزا توپلاش ۋە ئەرز قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان. ياڭ جيەنلى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ قوزغىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلىنى ئاشكارا بەس مۇنازىرە قىلىشنى ئىزچىل چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق مىللىي مەسىلە ئاشكارا بەس مۇنازىرە قىلىنسا، ئۇنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئەلۋەتتە بىز مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى يوق دېيەلمەيمىز. بۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇقەررەر. مەن بايام بۇنى مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە، دەپ ئاتىدىم. ئەگەر بىز مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلساق، بىز سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز. بىراق مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ئارقىسىكى تۈپ سەۋەب-ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتتۇر. ئەگەر بۇ دىكتاتور ھاكىمىيەت خەنزۇلارنى بېسىپ تۇرمىغان بولسا، خەنزۇلار مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە مەسىلىسىنى ئاشكارا بەس مۇنازىرە قىلغان بولاتتى. بۇ مەسىلە ئاشكارا بەس مۇنازىرە قىلىنسا، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى تېپىلاتتى. شۇڭا مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە مىللىي زىددىيەت مەۋجۇت ھادىسە. بىراق دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمىدا بىز ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىنىڭ ھالقىلىق بىر نۇقتىسىدۇر» دېگەن.

خىتاي ب د ت نىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى قاتارلىق ئاساسلىق خەلقئارا ئەھدانىمىلىرىغا ئىمزا قويغان دۆلەت. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ئەھدىنامىلاردىن «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر»، «ئىقتىسادى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىلىرى» نى تەستىقلاپ، رەسمىي يولغا قويمىغانلىقى، خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلاپ رەسمىي يولغا قويغان «تەن جازاسى قاتارلىق غەيرىي ئىنسانى قىلمىشلارنى چەكلەش» قاتارلىق ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Mar 07, 2012 08:24 AM

pikirlerni qandaq körimiz?