
چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار جىددى كۆڭۈل بولىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر، مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىمىز چەكلىك ئىمكانىيەت ۋە قولىدىن كېلىدىغان يوللار بىلەن كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
شۇنداق كىشىلەردىن بىرى، ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئايگۈل خانىم بولۇپ، ئۇ بىر ئۆزى يالغۇز ئىنتەرنەت ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان "ھور ئۇيغۇر بالىلار رادىئوسى" يولغا قويۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل، ۋەتەن، مىللەت، ئەنئەنە ۋە مىللى غۇرۇر تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا.
بىز بۈگۈن "ھۆر ئۇيغۇر بالىلار رادىئوسى" ھەققىدىكى تەپسىلى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ئايگۈل خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.