"خوتەن قەغىزى" نىڭ ئاخىرقى ۋارىسلىرىنى ئىزدەش
2007.09.26
"خوتەن قەغىزى" ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى، ئەمما دەۋرىمىزدە خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي ھۈنەرنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا قالدى. خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى بۇددا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 80 ياشتىن ھالقىغان توختى باقى ، ئەنە شۇ تەۋەرۈك ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن 10 - ئەۋلاد خوتەن قەغىزى ئۇستىسى ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر بۇ كىشىنى خوتەن قەغىزىنى ياسىيالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاد بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەجىبا بۇ بوۋايدىن كېيىن خوتەن قەغىزى ياسىيالايدىغان كىشى تېپىلماسمۇ ؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار خوتەن قەغىزىدىن ئىبارەت نەچچە مىڭ يىللار ساقلىنىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ؟ بىز بۇ ياشانغان بوۋاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ ياسىغان قەغەزلىرىنىڭ بازار ئەھۋالى ھەم شاگىرت يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق، ئەپسۇس بۇددا كەنتىدە تېلېفونمۇ بولمىغاچقا ، بۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇنچە ئاسان توختىمىدى.
قىممەتلىك مىراس - خوتەن قەغىزى
ئۈژمە قوۋزاقلىرى قاتارلىق پۈتۈنلەي تەبئىي خام ئەشيالارنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ قەدىمىي ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان خوتەن قەغىزى،ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى، خوتەن قەغىزى ئاسانلىقچە يىرتىلمايدۇ ، چىرىمايدۇ ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، قاتلىشىپ كەتسىمۇ تۈزلەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ،كۈن نۇرى ياكى نەملىكتىن ئۆزگەرمەيدۇ، رەڭگى ئاق سۈپەتلىك بولۇپ قاش تېشى سۈركەپ پاتلانغاندىن كېيىن يۈزى سىلىقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق قەلەم بىلەن خەت ياكى رەسىم سىزغاندا رەڭ يېيىلمايدىغان ، ئۇزاق يىللارغىچە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىدە خوتەن قەغىزىنى ،خەت -چەك، دىنىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىش، ۋەسىقىلەرنى يېزىشقا ئوخشاش مەتبەدە ئىشلەتكەندىن سىرت ، كىيىم كېچەك، دوپپا تىكىشتە قاتۇرما قىلىش ھەم مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ،قەن- ناۋات ، تاتلىق گېزەكلەرنى ئوراش، ئىشىك ، دېرىزە كۈزنەكلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا چاپلاپ توپا - چاڭدىن ساقلىنىش ...قاتارلىق ھەر ساھەلەردە كەڭ قوللانغان.
شۇ ۋەجىدىن خوتەن قەغىزى يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە ، مەشھۇر بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ،گەرچە ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كەڭ قوللىنىلغان قەغەز بولسىمۇ ، بىراق ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان ھەمدە بارغانچە تار دائىرىدە قوللىنىلىدىغان بىر خىل يەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بويۇم بولۇپ خوتەننى مەركەز قىلىپ ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.
يىراق يېزىدىكى داڭلىق ھۈنەرۋەن
2002 - يىلى ئامېرىكا سىمىتسونىيون مۇزىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئويۇشتۇرغان يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ،خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدىن كەلگەن بېشىغا چىرايلىق گۈللۈك دوپپا كىيگەن 80 ياشلاردىكى بىر بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي چاققانلىق بىلەن شاخ - شۇمبا ، قەدىمىي ، ئىپتىدائىي ئەسۋابلار بىلەن بىر دەمدىلا ئۆزگىچە قەغەز ۋاراقچىلىرىنى ياساپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى كۆرسىتىشى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى. مانا بۇ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزا بۇددا كەنتىدە ياشاپ ،خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونىنچى ئەۋلاد ، خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقى ئاكا ئىدى.
شۇندىن كېيىن خوتەن قەغىزى بارغانچە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەخسۇس خوتەن قەغىزى ئۈستىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەزچىلىك مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلار خوتەننىڭ يىراق يېزىلىرىنى ئارىلاپ ، دەۋرىمىزدىكى ئاخىرقى ئەۋلاد قەغەز ئۇستىسى توختى باقىنى ئىزدەپ سورايدىغان ئۇنىڭ ياسىغان قەغەزلىرىنى قىممەتلىك بويۇم ئورنىدا ساقلايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدا ساقلىنىپ قالغان خوتەن قەغىزى توختى ئاكىنىڭ داڭقى بىلەن تەڭ قايتا ئېتىبارغا ئېلىنىشقا باشلىدى.
خوتەن قەغىزى ۋارسلارغا، بازارغا مۇھتاج
ئارىدىن بەش - ئالتە يىل ئۆتتى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توختى باقىنىڭ قەغەز ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان شاگىرتنىڭ يوقلۇقى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار خوتەن قەغىزىدىن ئىبارەت مىراستىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىك گەپ سۆزلەر تارالدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز توختى باقى ئاكىنى تېپىپ سۆزلىشىشنى توغرا تاپتۇق ، ئەمما يىراق يېزىدىكى داڭلىق كىشىنى تاپماق ئاسمانغىمۇ توختىمىدى. 25 - سېنتەبىر كۈنى ،دەسلەپ بىز خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ئارقىلىق ،توختى باقى تۇرۇشلۇق قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئەتىسى يەنى26 - سېنتەبىر پۇرچاقچى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزى توختى باقىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىزنىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق توختى باقى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزغا ياردەم قىلدى.
دېمەك توختى باقى ئاكا خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي قول ھۈنەرنى بىلىدىغان بىردىن - بىر كىشى بولماستىن ، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە باشقىلارمۇ بۇ ئۇيغۇر قەدىمىي مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ . ئەتىكى پروگراممىمىزدىن توختى باقىنىڭ شاگىرتى شۇنداقلا ئوغلى تۇرسۇن باقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېلىنماقتا
- خىتاي ئاخباراتلىرى شىۋېتسىيىدىكى "مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ھەققىدە نىمە دېگەن؟
- "ئۇيغۇر سەتئەتكارلار" شىۋېتسىيىدە كونسېرت قويۇشقا باشلىدى
- ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى " خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلدى
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تۈركچىدە نەشىر قىلىندى (2)
- قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق رەسسام ھاشىمجان قۇربانوفنىڭ ئىجادى ھاياتى توغرىسىدا
- فرانكفورتتىكى ئۇيغۇرلار دالا سەيلىسى ئۆتكۈزدى
- لوندوندىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى
- ئالىم سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرى"ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
- دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش كۈنىگە ئۇيغۇر بالىلار قاتناشتى
- قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى
- ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار سۇلتان مەمەت ئەپەندى رادىئومىزدا