نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىم ۋادىسى ۋە خوتەن قاتارلىق جاي -جايلىرىدىن تېپىلغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ،تۈرلۈك تارىخىي دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردىكى قوليازمىلار،پۈتۈكلەر ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە ئېتىبارلىنىپ ساقلانماقتا. شۇنداقلا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ھەم بۈيۈك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى، گەرچە خوتەن قەغىزى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىش ھەم ئىشلىتىلىشتىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ ، خوتەننىڭ يىراق يېزىلىرىدا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ دەۋرىمىزگىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىدۇر.
ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا بىز خوتەن قارىقاش ناھىيىسىنىڭ چەت يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقى بوۋاي بىلەن خوتەن قەغىزى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، توختى باقى بوۋاينىڭ ئوغلى ، بۇ ئائىلىنىڭ خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىسى،11 - ئەۋلاد قەغەزچى تۇرسۇن توختى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، خوتەن قەغىزىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققەت ئېتىبارىڭلارغا سۇنىمىز.