
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ رەسمىي يولغا قويغاندا، بۇ بەلگىلىمە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى.
يېڭى دىنىي بەلگىلىمە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويدى
دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا چارشەنبە كۈنى بىر يىل تولدى. شۇ كۈنى مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمە يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خالىغانچە چەكلىمىگە ئۇچرىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا دىنىي گۇرۇھلار ۋە دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىشكە باشلىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، "خىتاينىڭ 'دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى' يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بېرى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى خالىغانچە چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى " دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرماقتا. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قولغا ئېلىش، دىنىي سورۇنلارنى تاقاش، دىنىي زاتلارنىڭ پائالىيىتى، ئالاقىسى، ساياھىتى ۋە ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى چەكلەنمەكتە.
خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بۇ بىر يىل جەريانىدا خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارغا قارىتىلغان كونترولى، يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارىماي تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈچەيتىلدى، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى برەد ئادامسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "يېڭى بەلگىلىمىدە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان قىلىش ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئورۇن بېرىلمىگەن ". برەد ئادامس "دىنىي ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئاددىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماقچى بولغانلار قولغا ئېلىنماقتا، تۈرمىگە تاشلانماقتا ياكى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا " دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىدىكى مىككىي سپېيگىلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. سپېيگىل "بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرى يېڭى توسالغۇلارنى يارىتىپ، يېڭى قۇرۇلغان ئىبادەت سورۇنلىرىنى تەستىقلەشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش پەسىيىپ باقمىدى. بەزى دىنىي گۇرۇھلار ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن باستۇرۇلماقتا " دەيدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەت ئېغىر
جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما بەلگىلىمىنىڭ مۈجىمەللىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا خالىغانچە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگىلىكىدۇر .
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان دىنىي سىياسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. باياناتتا، "خىتاينىڭ غەربىدىكى نوپۇسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدا، ئادەتتىكى ئىسلامغا دائىر تېكىستلار قەتئى مەنئىي قىلىنغان. ياش- ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم - تەربىيە بېرىش چەكلەندى ۋە ئاتا- ئانا ۋە مۇدەررىسلەر جازالىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان " دەيدۇ.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىنگىلىزچە نەشر قىلىنغان "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتاپچىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر قايسى مەسچىت تاملىرىغا "پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا ۋە پىنسىيىگە چىققانلار، 18 ياشقا توشمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر، كەنت كادىرلىرى ۋە ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ " دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى چاپلىغان.
باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى راھىب ۋە راھىبەلەرنى خىتاي كومپارتىيىسى تاللىغان بەنچەن لاماغا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "تىبەت ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان ياكى دالاي لاماغا ئىتائەت قىلماسلىقنى ۋە خىتاي تاللىغان بەن چەن لاماغا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلغان راھىبلارنى ئىبادەتخانىلاردىن قوغلاپ چىقارغان".
خىتاينىڭ دىنىي بەلگىلىمىسىدىكى ماددىلار مۇجىمەل
خىتاينىڭ دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى 2004 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ 57- نۆۋەتلىك دائىمىي ئەزالار يىغىنىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، 2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان. بەلگىلىمىدە مەزكۇر قائىدىنى تۈزۈشنىڭ نىشانى "پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىن ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي گۇرۇھلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش " دەپ تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەلگىلىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى مۈجىمەل بولۇپ، بۇ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دىنىي زاتلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېھتىياجى بويىچە خالىغانچە كونترول قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە.
مىككىي سپېيگىل "مېنىڭچە بۇ بەلگىلىمىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۈجىمەللىكى. بۇنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۇلار مەقسەتلىك شۇنداق قىلغان. مەسىلەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما بەلگىلىمىنىڭ مۈجىمەللىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا خالىغانچە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگىلىكىدۇر " دەيدۇ. مىككىي سپېيگىلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۈجىمەل بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا شىنجاڭ، تىبەت قاتارلىق جايلاردىكىئى دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرماقتا ۋە دىنىي زاتلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇنى رەت قىلغانلار بۆلگۈنچى، تېررورچى، دىنىي ئەسەبىي، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنماقتا ۋە جازالانماقتا.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي سانائەت ئىگىلىكى ئېھتىياج بولغان نېفىتنىڭ 30 % نى قامدايدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شەرقىي تۈركىستان "تېررورچىلىرى" نىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، دەپ جاكارلىدى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ "خەلقئارا تېررورلۇق مالىيە مەنبەسىگە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسى" ماقۇللىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ھەرىكىتىنىڭ "بۆلگۈنچىلەر، تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر" گە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)