بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قىسقا سۆھبىتى ۋە ئىنكاسلار

0:00 / 0:00
US-CHINA-BUSH-HU-HANDSHA-20.jpg
بۇش بىلەن خۇجىنتاۋ نيو يوكتا ئۇچراشتى. AFP

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 2 دە مېكسىكىدىن نيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، سائەت 4 ئەتراپىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن قىسقا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قىسقا سۆھبەت

بۇ قىسقا سۆھبەت بېيجىڭدە شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قورال پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بويىچە 6 تەرەپ سۆھبىتى قايتىئىدىن باشلانغان بىر پەيتتە، نيۇ يوركتا بولسا، ب د ت نىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا 170 نەچچە دۆلەتتىن پرېزىدېنتلار كەينى - كەينىدىن يېتىپ كېلىۋاتقان بىر ئالدىراش پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ ۋولدوف مېھمانخانىسىدا كۆرۈشكەندە، بۇش خۇ جىنتاۋغا بۇ سۆھبەتنىڭ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ سۆھبەتنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇش سۆزىدە سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان ھايۋاناتلاردىن يۇقىدىغان كەڭ تارقىلىشچان زۇكام مەسىلىسى قاتارلىق بىرمۇنچە مەسىلە بارلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خۇ جىنتاۋ سۆزىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودىدا تالاش - تارتىش بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما ئۇ "خىتاي ئامېرىكا ئوتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تەرەققىياتى تىز، كۆلۈمى چوڭ بولغانلىقتىن بەزى تالاش-تارتىشلاردىن خالى بولغىلى بولمىدى" دەپ سەۋەپ كۆرسەتكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇجىتاۋ بۇشقا خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدە، مەن ئامېرىكىنىڭ جوڭگو تەرەپتە تۇرۇشىنى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، مەسىلەن: "نيۇ يورك تايمىس" گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋيەن ئەپەندىنى خىتايدىكى دېھقانلار مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە يېزىپ "ئىسلاھات" دېگەن ژورنالدا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن "خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەرگە ئاشكارا قىلغان" دەپ قولغا ئالغانلىق مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇ جىنتاغا بېسىم ئىشلەتكەن.

مېھمانخانا سىرتىدىكى نامايىش

Trash_-flag-hujintao.jpg
قارشى ئېلىش نامايىشىدىن كېيىنكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. RFA/He Shan

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى نيۇ يوركتىكى ۋولدوف مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ياكى خۇ جىنتاۋغا نامايىش ئىپادىلەش ئۈچۈن تۇرغان ئادەم توپى ئىچىدىن ھەرخىل ئاۋازلارنى ئاڭلىغان.

بۇ ئاۋاز قارلىق تاغدىكى شىر شەكىللىك بايراق كۆتۈرۈۋالغان تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى "بىز بۇ مېھمانخانا ئالدىدا خۇ جىنتاۋنى ساقلاپ تۇرىۋاتىمىز، بىز خۇ جىنتاۋغا تىبەتنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى، تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ئارزۇيىنى ئىپادىلەيمىز" دېگەن.

بۇ جايدا خۇ جىنتاۋنىڭ كېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان فالۇنگوڭچىلار "خۇ جىنتاۋ بۇ جايدىن ئۆتۈپ كەتكىچە ساقلاپ تۇرىمىز، خۇ جىنتاۋ بىز كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتلارغا يېزىلغان خەتلەرنى كۆرسۇن" دېگەن.

فالۇنگوڭچىلار كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتلارغا "جاڭ زېمىن، لوگەن، ليۇجىن، جۇ يوشكاڭلارنى قانۇن سورىسۇن" ، "فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بۇزۇق ساقچىلارنى قانۇن سورىسۇن" ، "خۇ جىنتاۋغا بېرىلگەن ۋاقىت ناھايىتى چەكلىك" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى يەنە "كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ جەمىيەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايلى" دېگەن خەتلەر يېزىلغان پارتىيىدىن چېكىنىش مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى بۇ مېھمانخانىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى يەنە خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ياللاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ خۇ جىنتاۋنى ساقلاشتىن زېرىككەنلىكىنى، "خاپا بولماڭلا، رەئىس خۇ جىنتاۋ مىھمانخانىغا كەينىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ بولدى" دەگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا " نېمە ئۈچۈن بىزنى ئەخمەق قىلىسىلەر" دەپ چوقان سالغانلىقىنى، قولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلارنى ۋە باشقا ئەخلەتلەرنى كوچىغا تاشلاپ تاراپ كېتىشكەنلىكىنى كۆرگەن. (ۋەلى)