كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇڭوڭچىلار خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادادىكى زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سودا، ساياھەتچىلىك، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق تېمىلارمۇ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىكەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ كانادادىكى زىيارىتى جەريانىدا كانادادىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالوڭوڭچىلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.