ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچىلاردىن ئۆگەنمەيدۇ
2007.01.12
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى "تېررورچىلار"نى رازۋېت قىلىش، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن ساقچى خۇاڭ چاڭنى "شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ تۆتىنچى ماي ئوردېنى" بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلىپ، پۈتۈن ياشلارنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان. ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا "خۇاڭ چاڭدىن ئۆگىنىش" ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان "غەرب شامىلى" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىلەر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
©
2007 Radio Free Asia