خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە تېپىلمىدى
2006.03.22

خىتايدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. خۇ جيا ئەپەندى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان كۈنى يوقاپ كەتكەن. خۇ جيانىڭ ئايالى سىڭ جىنيەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خۇ جيا غايىب بولۇشتىن بۇرۇن باشقىلار ئۇنىڭ ساقچىلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى خۇ جيانىڭ ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب بەرمەي ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان پائالىيەتچى
خۇ جيا ئەپەندى 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئەيدىز ئىشلىرىغا ئائىت پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە "بېيجىڭ ئەيزىشىن تەتقىقات ئورگىنى" قۇرۇلغان. خۇ جيا ئەپەندى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ بولۇپمۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ قان سېتىش تۈپەيلىدىن ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغانلىقى ھەققىدە نەق مەيدانغا بېرىپ شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى Joel Rehnstron "مەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىغا خۇ جيانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىنتايىن دىققەت بىلەن نەزەر سېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن. خۇ جيا ئەپەندى خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا زور كۈچ چىقىرىۋاتقان، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بىر ئىنسان. بىز ئۇنىڭ چاققان قايتىپ كېلىپ بىز بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلماقتىمىز. لېكىن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇ جيانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە قانائەتلەنگۈدەك ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي مۇخبىرلىرى كەلمىگەن
خۇ جيانىڭ ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ ئايالى سىڭ جىنيەن خانىم خۇ جيا ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن بۇيان يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۇنى توختىماي سۈرۈشتە قىلىپ كەلگەن. لېكىن تا ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.
ئىلاجىسىز قالغان سىڭ جىنيەن خانىم يولدىشى خۇ جيا يوقاپ كەتكىلى 35 كۈن بولغان كۈنى مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىپ، مەتبۇئات كۈچىگە تايىنىپ يولدىشىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان. سىڭ جىنيەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇ سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىغا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. لېكىن مەزكۇر يىغىنغا پەقەت خەلقئارا مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كەلگەن بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىن ھېچكىم كەلمىگەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىڭ جىنيەن خانىم "بىز بارلىق ئاماللارنى قىلىپ باقتۇق. لېكىن ھېچقايسى كارغا كەلمىدى. كۆپلىگەن مەتبۇئاتلار خۇ جيانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا بىز مەتبۇئات ئارقىلىق بۇ ئىشنى بارلىق كىشىلەرگە مەلۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ خۇ جيانىڭ تېپىلىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتىمىز" دەپ بىلدۈردى.
ئاق كۆڭۈل ۋە تىرىشچان ياش
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا خۇ جيا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلەپ "ئۇ ناھايىتى قىزغىن، ئاق كۆڭۈل ۋە تىرىشچان ياش ئىدى. ئۇ خىتايدىكى مۇھىت ۋە ئەيدىز مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشقانلارنىڭ بىرى. ھازىر دۇنيادا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خۇ جيانىڭ ئىز دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. مەنمۇ بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى بۇخىل كىشىلىك ھاياتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغان ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
يېقىندا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خۇ جياغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خادىملىرى ئارقا - ئارقىدىن غايىب بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى بىر مەزگىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بەزىلىرى تا ھازىرغىچە تېپىلمىغان. بۇ خىل ھالەت ھازىر خەلقارا جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى يېڭى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئالالامدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى
- زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى
- دۇنيادا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 40 مىليوندىن ئاشقان
- ب د ت دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى كۆرسەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلار ئىگىلىمەكتە