خىتاي دائىرلىرى قويۇپ بەرگەن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى


2006.03.31
hujia-200.jpg

خىتايدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى 16 ‏- فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئايالى سېڭ جىنيەن ئۇنى ئىزدەپ يەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، توختىماي سۈرۈشتە قىلغان. ساقچى ئورۇنلىرى بولسا خۇجيانىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە خۇ جيا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 28 - مارت كۈنى يەنى ئۇ مەخپىي قاماقتا 41 كۈن ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ساقچى

خۇ جيا ئەپەندى قاماقتىن چىققان كۈنىنىڭ ئەتىسى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ 16 ‏- فېۋرال كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى :

"2 ‏- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەتتىگەندە، مەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلىدىغان بىر يىغىنغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى. مەن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ۋە ساقچى ماشىنىسىنىڭ مېنى ئاپىرىپ قويۇشىغا ماقۇل بولغان ئىدىم. چۈنكى مېنىڭ ھەممە ھەرىكىتىم ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇپ كەلمەكتە. مەن ئۆيدىن چىقىشىم بىلەن، ساقچى ماشىنىسىغا چىقتىم. لېكىن ماشىنىغا چىقىشىم بىلەن شۇنى بايقىدىمكى، ماشىنىدا 4 نەپەر ساقچى بولۇپ، ئۇلار مەن بۇرۇن بىلىدىغانلار ئەمەس بەلكى تونۇمايدىغان ساقچىلاردىن ئىدى. ماشىنا ماڭا ‏- ماڭماي ئالدىدا ئولتۇرغان ساقچى كەينىدىكىلەرگە "ئۇنى مەن دېگەندەك قىل" دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇلار مېنىڭ بېشىمغا بىر قارا قاپنى كىيگۈزۈپ، بېشىمنى كۈچىنىڭ بېرىچە يەرگە قارىتىپ باستى.ئۇلار ماشىنىنى بەكمۇ تېز ۋە قوپال ھەيدىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ قويغانلىقتىن، مېنىڭ كۆڭلۈم ئېلىشىپ بەكمۇ ئازابلاندىم.

ماشىنا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، ئۇلار مېنى بېر يېزىدىكى قاراڭغۇ ھەم سوغاق ئۆيگە قاماپ قويدى. ھەر كۈنى دېگىدەك 7 ‏- 8 نەپەر ساقچى نۆۋەت بىلەن مېنى كۆزەتتى. مەن ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن مېنى بۇ يەرگە ئەكەلگەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.

كەچقۇرۇن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئەترىتىدىن 3 نەپەر ساقچى كېلىپ مېنى سوراق قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار مەندىن بۇ قېتىمقى ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سورىدى. مەن ئۇلارغا " بىلمەيمەن، تور بەتلىرىدىن ئىزدەپ بىلىۋېلىڭلار " دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار ھەرقانداق قىلىپمۇ مەندىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېگە بولالمىدى ھەمدە مېنىڭ ئىرادەمنى ئۆزگەرتەلمەيدىغىنىغا ئىشەندى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەتنى قوغداش ئەترىتىدىن يەنە 4 ئادەم كېلىپ، مېنىڭ يازغان كۈندىلىك تەسىرات ۋە خاتىرەمنى تارتىۋېلىپ، بېشىمنى قايتىدىن قارا خالتا بىلەن قاپلاپ، ماشىنا بىلەن دالىغا ئەكىلىپ قويۇپ بەردى."

قايتا تەكرارلانغان يېڭى ئىش

خۇجيا ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇندىن ئىلگىرىمۇ ساقچىلار ئۇنى نەچچە قېتىم قولغا ئالغان ۋە قاماپ قويغان ئىكەن. لېكىن ئۇنى قويۇپ بېرىشتە، ھەر قېتىم ئۇ تۇرغان رايونغا ئەكىلىپ ھەتتا ساقچىلار ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە يالاپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىم بولسا، ئۇنداق قىلمىغان. ئۇلار يول بويى ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىن ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ھەمدە "ئەگەر بۇ خىل ھەرىكەتلەر يەنە تەكرارلىنىدىكەن، ئۇنداقتا ئۆيۈڭدىكىلەر، ئاتا ‏- ئاناڭ ۋە دوس‏- بۇرادەرلىرىڭنىڭ ھەممىسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ" دەپ تەھدىت قىلغان. خۇ جيا ئەپەندى ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، "مەن كېيىن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلارنىڭ ماڭا بۇنداق تەھدىت قىلىشى شۇنداقلا بۇ قېتىم مېنى ئۆيدىن يىراق يەردىلا چۈشۈرۈپ قويۇشى پۈتۈنلەي بارلىق مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى يوق قىلىش ئىكەن. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ قالماسلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىش بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ بەكمۇ شەرمەندىچىلىك" دەپ كۆرسەتتى.

خۇ جيا ئەپەندى ئۆزىنى تۇتۇپ كەتكەن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئەترىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: "بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئەترىتى جامائەت خەۋپسىزلىك قوشۇنىدىكى قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك قوشۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىلات ئەزەلدىن قانۇننى كۆزگە ئىلىپ قويمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا قانۇننى دەپسەندە قىلىپ ئۆزلىرى خالىغانچە ئىش بېجىرىدۇ. ئۇلارغا قارىغاندا باشقا ساھەدىكى ساقچىلار يەنە بىر قەدەر ئاز -تولا بولسىمۇ پۇقرالارغا كۆيىنىدۇ. لېكىن دۆلەتنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار بولۇپمۇ ئۆكتىچىلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ. 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىمۇ شۇلارنىڭ كونترولى ئاستىدا. فا لۇڭگۇڭچىلارنى باستۇرىدىغانلارمۇ شۇلار ".

خۇ جيا: ئالدامچى ساقچىلارنى ئىزدەپ سوراق قىلغۇم كېلىدۇ

خۇ جيا ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ قاماقتىن چىقىپ 30 نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىرتتا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى : "مەن قاماقتىن چىقىپ 30 نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىرتتا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولدۇم. ئايالىم، ئاپام ۋە دوست‏- بۇرادەرلىرىم شۇنداقلا سىلەرگە ئوخشاش مەتبۇئات خادىملىرى مېنىڭ ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىپ، مېنى تەرەپ -تەرەپتىن سۈرۈشتە قىلىپتۇ. بۇلارنى ئويلىغىنىمدا مەن پەقەتلا ئۆزۈمنى باسالمايۋاتىمەن. خىتاي قانۇنى بويىچە، جىنايەتچى ھەتتا ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل قولغا ئېلىنسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىنىشى كېرەك. لېكىن مەن يوقاپ كېتىپ تا 41 كۈن بولغىچە مېنىڭ ئىز -دېرىكىمنى ھېچكىم بىلمىگەن. ئايالىم مېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالماپتۇ. ساقچىلار بولسا كۈندە مەن بىلەن بىللە بولۇپ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە تېنىۋاپتۇ. ئۇلار ھەتتا غەلىتە گەپ -سۆزلەر بىلەن ئۇنى ئالداپتۇ. ئۇلارنىڭ قانۇن بېجىرگۈچى سۈپىتى بىلەن بۇنداق قىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇلارنى ئويلىسام پەقەتلا ئۆزۈمنى باسالمايمەن. ئەشۇ ئالدامچى ساقچىلارنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن يۈزمۇ ‏- يۈز تۇرۇپ، ئۇلارنى سوراق قىلغۇم كېلىدۇ ".

ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ مەخپىي قاماقتا 41 كۈن يېتىپ چىققان خۇجيا ئەپەندى بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەنى يېزىپ چىقىپ بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى : "مەن چوقۇم بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆستىدىن ئەرز قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار داۋاملىق قانۇنغا خىلاپلىق ئىشلارنى قىلىپ، خالىغانچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئۇلار پەقەت مېنىڭلا ئائىلەمنى ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئائىلىسىگىمۇ خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا مەن ئۇلارنى چوقۇم ئەرز قىلىشىم كېرەك. گەرچە ئۇلار مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم قاتارلىق بارلىق پاكىتلارنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋالغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قانۇننى قورال قىلىپ، كۈچۈمنىڭ بېرىچە ئۇلار بىلەن ئېلىشىمەن". (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.