خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى


2006.03.29

خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 ‏-يىلى دېھقانلاردىن باج ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاينىڭ گېزىت -رادىئولىرى "دېھقانلار 2000 نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن پادىشالىق باجدىن قۇتۇلدى، دېھقانلار بۇنى ئالقىشلىدى" دەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن باشلاپ دېھقانلاردىن سۇغا پۇل ئالماقچى بولغان ئىدى، خىتاينىڭ گېزىت -رادىئولىرى بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن دەريالاردىكى ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتسا، دېھقانلار بۇنى ئالقىشلامدۇ؟ 'سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا' دېگەن شۇنداق يېزىمۇ؟

تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش

بۇ ھەقتە گېرمانىيىدە سۇ قۇرۇلۇشى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان، 'سەنشا بوغۇزى' ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر يازغان ۋاڭ ۋېيلو ئەپەندى بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 2000 نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دېھقانلار پادشىاھلارغا تۆلەپ كېلىۋاتقان باجنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشنى قىلغانلىقى بىلەن ماختاندى. ئەمما خىتاي تارىخىدا پادىشاھلار ھېچقاچان دېھقانلارغا دەريالاردىكى ۋە كۆللەردىكى سۇنى سېتىپ باقمىغان ئىدى. ئەمدى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن باشلاپ دەريالاردىكى ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى. بۇمۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.

دوكتور ۋاڭ ۋېيلو ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىدە 2006 ‏- يىلىدىن باشلاپ 'سۇ كىنىشكىسى تۈزۈمى'نى يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمنى 2002 ‏- يىلى تۈزۈلگەن 'سۇ قانۇنى'دىكى 'سۇ بايلىقلىرى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، بۇ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى دۆلەت كابىنېتى ئىجرا قىلىدۇ. دەريالاردىن، كۆللەردىن ياكى يەر ئاستىدىن سۇ ئىشلەتكەن ھەممە ئورۇن ۋە شەخسىيلەر سۇ كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىشى ۋە دۆلەتكە سۇ پۇلى تاپشۇرۇشى لازىم' دېگەن ماددىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسەتكەن باھانىلار

دوكتور ۋاڭ ۋېيلونىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'سۇ كىنىشكىسى تۈزۈمى'نى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەب كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتايدا ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ئاز، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مەنبەسى مىقدارىنىڭ 4 تەن بىر قىسمىغا تەڭ كېلىدۇ؛ 'سۇ كىنىشكىسى تۈزۈمى' يولغا قويۇلسا، سۇنى تېجەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا سۇ تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، سۇ مەنبەلىرىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، دەپ سەۋەب كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، خىتايدا يېزا ئىگىلىكىنى تەبىئىي سۇغا تايانماي تۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي مەدەنىيىتىنى 'سۇ مەدەنىيىتى' دەپ ئاتىغانلىقىمۇ، بىر ھېسابتا ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، خىتايدا يېزا ئىگىلىكى ئەڭ چوڭ سۇ خېرىدارى. 2004 ‏- يىلى خىتايدا يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇ مىقدارى 358 مىليارد 570 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، شۇ بىر يىلدا سەرپ قىلىنغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 64% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇ مىقدارى 90% نى تەشكىل قىلىدۇ. زىرائەت سۇسىز ئۆسمەيدۇ، ئەمما خىتايدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قالاق، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئىشلىتىش تېخنىكىسى تېخىمۇ قالاق. ھەر بىر كىلوگرام ئاشلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان سۇ مىقدارى دۇنيا سەۋىيىسىدىن كۆپ چەتنەپ كەتكەن. يەنە شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئەگەر خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلاردىن سۇ پۇلى ئېلىنسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقى ئۆرلەپ كېتىدۇ. دېمەك، بۇنداق 'سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا'دا دېھقانلارنىڭ سېلىقى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. خىتايدا ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان پادىشاھقا دېھقانچىلىق بېجى تۆلەپ كېلىۋاتقان دېھقانلارنى ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى باجدىن خالاس قىلىپ خوش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان پادىشاھلارغا ھېچقاچان سۇ پۇلى تۆلەپ باقمىغان دېھقانلاردىن ئەمدى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى سۇ پۇلى ئېلىپ، بىر قولىدا دېھقانغا بەرگەننى يەنە بىر قولىدا تارتىۋالسا، دېھقان قانداق خۇش بولىدۇ؟ خىتايدىكى گېزىت -رادىئولارنىڭ دېھقانلاردىن باجنى خالاس قىلغاننى داغدۇغا قىلىپ، ئەمدى ھۆكۈمەت دەريالاردىكى ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى بولغاندا جىمجىت تۇرغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟

دوكتور ۋاڭ ۋېيلونىڭ ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا پادىشاھلار يەر كۆلىمىگە ئاساسەن دېھقانلاردىن باج ئالاتتى. 20 ‏- ئەسىرنىڭ 70 ‏- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، دېھقانلار تېرىۋاتقان يەر كۆلىمى بۇرۇنقىدىن ئازىيىپ كەتكەن. كەلگۈسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى كۆپەيگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت زېمىنىنى ئېنىقلاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. شۇنداقلا 'بۇرۇن مەلۇم قىلىنغان يەر كۆلىمى ئاساس قىلىنىدۇ' دەپ بەلگىلىمە چىقارغان. دېمەك، دېھقانچىلىق بېجىنى بۇرۇنقى سان بۇيىچە ئالغان. يەنە بىر مىسال، ‏-‏-‏- دەپ بايان قىلىدۇ ئاپتور ماقالىسىدە، ‏-‏-‏- سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ئېنىقلانغان سانغا ئاساسلانغاندا، سەنشا بوغۇزى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كۆچۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان كۆچمەنلەرنى تامامەن شۇ رايوندا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن ئىدى، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى سەنشا بوغىزىدا سۇ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان رايوندىن مەجبۇرىي ھالدا باشقا ئۆلكىلەرگە، بولۇپمۇ غەرب تەرەپكە كۆچمەن يۆتكەشنى قارار قىلدى.

خاتا سىياسەت ۋە يىراقنى كۆرەلمىگەنلىك

دوكتور ۋاڭ ۋېيلونىڭ ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلاردىن سۇ پۇلى ئېلىش سىياسىتى بىر خاتا سىياسەت ۋە يىراقنى كۆرەلمىگەنلىك. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنداق بىر سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق دېھقانلاردىن پۇل ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي چىقىمىدىكى قىزىل رەقەمنى يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى دېھقانلارغا كەلگۈسى 50 يىلغىچە بۇ سىياسەتتە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بۇيىچە سۇ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن ئەسرنىڭ 80 ‏-يىللىرىدىن باشلاپ خىتايدا 3 ‏- دەرىجىلىك سۇمۇ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. كېيىن 4 ‏- دەرىجىلىك سۇنىمۇ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىۋېرىشنى قارار قىلدى. ئەمەلىيەتتە 4 ‏- دەرىجىلىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان سۇ ئىدى. كېيىن دېھقانچىلىققا ئىشلىتىشكە پەقەت بولمايدىغان 5 ‏- دەرىجىلىك سۇنىمۇ دېھقانلار ئىشلىتىۋېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان 'بۇلغانغان سۇنى چۇقۇم تازىلاش'، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، 'كىم مۇھىتنى بۇلغىسا، شۇ تۆلەم بېرىش' دېگەن ئۆلچەم بۇيىچە ئىش قىلىنسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى دېھقانلارنى بۇلغانغان سۇ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، چۇقۇم دېھقانلارغا تۆلەم بېرىشى كېرەك. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.