خۇ جىنتاۋ كانادا ۋە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى

0:00 / 0:00

كانادا مەتبۇئاتلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېلەر ئاينىڭ 9 – كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە كانادا باش مىنىستىرى پوئۇل مارتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەتبۇئاتلار، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت سودا مەسىلىلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋ كانادا زىيارىتى داۋامىدا يەنە ئامېرىكىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.