خۇ جىنتاۋ بىلەن پائۇل مارتىننىڭ سۆھبىتىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان؟

0:00 / 0:00

كانادادا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9-سېنتەبىر كۈنى كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پائۇل مارتىن سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت، فالۇنگوڭ قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.