بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ نيو يوركتا كەڭ تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ


2005.09.13
CANADA-CHINA-HU-200.jpg

ھەر يىلى سېنتەبىردە نيو يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت نىڭ باشلىقلار يىغىنى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا دىپلوماتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان بىر سەھنە.

بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ سەيشەنبە كۈنى مىكسىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا يىتىپ كەلدى. جورج بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇچرىشىدۇ.

مەتبۇئاتلار ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىغا ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى بەرمەكتە. ئامېرىكا چىكاگو مۇنبېرى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئىككى دۆلەت سودا، ئېنېرگىيە، تەيۋەن، خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى ۋە ھەربىي كۈچ قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشەلمەيۋاتقان بولۇپ، بۇش ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتى دەل مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك توقۇنۇش بولىۋاتقان مۇرەككەپ بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

شىمالىي كورىيە ۋە سودا مەسىلىسى مۇھىم تېما

ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندال شىرەيۋېر يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. ئۇ بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىقى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان راندال شىرەيۋېرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش مەسىلىسى ۋە سودا مەسىلىسى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش يولىدىكى تۆتىنچى قارار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا- ياپونىيە ۋە خىتاي- جەنۇبىي كورىيە بارغانسىرى ئىككى لاگىرغا ئايلانماقتا ئىكەن. سودا مەسىلىسى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا تەتۈر بالانىسى ئۆتكەن يىلى 162 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل يازدا قوللانغان يۈئەننىڭ قىممىتىنى تەڭشەش تەدبىرلىرى، ئىككى تەرەپ سودا بالانىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا يەنىلا يىتەرسىز ئىكەن.

شىرەيۋېر يەنە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىككىنچى تۈردىكى تېمىلىرىنىڭ تەيۋەن ۋەزىيىتى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ۋەتەنپەرۋەر ماركىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخۇتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنى سېتىپ بېرىش پىلانىدىن ئەندىشە قىلماقتا، ئامېرىكا بولسا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىشىدىن ئاگاھلانماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشتا خۇ جىنتاۋغا چوقۇم پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. شىرەيېف، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلسىمۇ، بىراق يېقىن كەلگۈسىدە بىرەر بۆسۈش بۇلۇشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

شىرەيېف يەنە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئۈچۈنچى خىل تېمىنىڭ مۇھىت ۋە سەھىيە قاتارلىق مەسىلىلەر بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۆز-ئارا ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ

ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەگەر مەندىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ تۈپكى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىسا، ئۇ ھالدا مەن، ئۇنى تەيۋەن مەسىلىسى ياكى ئىقتىسادىي رىقابەت ۋە ياكى ئېنېرگىيە تالىشىشى دېمەيتتىم. مەن، بىز دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىد ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ تەدرىجى ھالدا بىر- بىرىگە قارشى، ئۆز - ئارا ئىشەنمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى دېگەن بولاتتىم. مەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇنى توسۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىنى خالايمەن".

چىكاگو مۇنبېرى گېزىتىنىڭ ماقالىسىدىكى مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدە ھەر خىل مۇقىمسىز ئامىللارغا دۈچ كېلىۋاتقان خۇجىنتاۋ بۇ قېتىم بۇش بىلەن ئۇچراشقاندا، جورج بۇشقا كۆپ ۋەدىلەرنى بەرمەسلىكى ۋە بەكمۇ يول قويۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، پرېزىدېنت بۇشمۇ ھالقىلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن مۇرەسسەلەشمەسلىكى مۇمكىن .

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت، قانداق قىلىپ خىتاينىڭ باش كۆتۈرىشىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن.

خۇ جىنتاۋ ئەسلى پىلانىدا ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت جورج بۇش بىلەن ئاق سارايدا ئۇچراشماقچى ئىدى. ئەمما خۇجىتاۋنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى ۋاقتىنچە بىكار قىلىنغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.