خۇ جىنتاۋ نيۇ يوركتا قارشى ئېلىندىمۇ؟

0:00 / 0:00
Trash_-flag-hujintao.jpg
قارشى ئېلىش نامايىشىدىن كېيىنكى خىتاي دۆلەت بايرىقى. RFA/He Shan

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 2 دە مېكسىكىدىن نيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، نيۇ يورك شەھىرىدىكى ۋولدوف مېھمانخانىسى (خۇ جىنتاۋ چۈشكەن مىھمانخانا) ئالدىدا، خۇ جىنتاۋ نى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ياكى خۇ جىنتاۋ غا نامايىش قىلىش ئۈچۈن تۇرغان ئوخشىمىغان مەقسەتتىكى ئادەم توپىنى كۆرگەن. ئۇنىڭدىكى ھەرخىل ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نيۇ يورك شەھىرىدىكى ۋولدوف مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا، خۇ جىنتاۋ نى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە يۈز ئادەم (شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5000 ئادەم دەپ خەۋەر قىلغان، ئەمەلىيەتتە 500 گە يەتمەيدۇ) 5 يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلانى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلاردا ناخشا - خور ياڭرىتىپ، ۋاڭ - چۇڭ قىلىپ، چوڭ داغدۇغا ئىچىدە تۇرغان.

بىنورمال قارشى ئېلىش

كانەكتىكەت شتاتىدىن كەلگەن ئامېرىكىلىق ئەر - خوتۇن بۇ جايدىن ئۆتكەندە، بۇ كۆرۈنۈشكە ھەيران قالغان. بۇنداق چوڭ ھەشەمەت قىلىپ، تۇغ -ئەلەم كۆتۈرۈپ، بۇنچىۋۇلا داغدۇغا قىلغۇدەك نېمە ئىش بولغاندۇ؟ بىر ئادەمنى قارشى ئالىمەن دەپ شۇنچىۋۇلا تەلۋىلەشكەن بارمۇ؟ ... دېگەن.

دېمىسىمۇ ئامېرىكىدەك بۇنداق بىر ئەركىن دۆلەتتە، خەلق سايلاپ چىقمىغان، باشقا بىر كىم بەلگىلىۋالغان بۇنداق بىر باشلىققا تەنتەنە قىلىشنىڭ ئۆزى ھاقارەت قىلغانلىق بولاتتى. يەنە بىر رەتلىك كىيىنگەن ئامېرىكىلىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن بىللە مېڭىپ بۇ جايدىن ئۆتكەندە "بۇنچىۋۇلا يورۇقى ئاۋازدا قويىۋاتقان بۇ نېمە ناخشا" دەپ سورىغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا "بۇ خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىشى" دەپ چۈشەندۈرگەندە، ئۇ كىشى "ئامېرىكا نېمە دېگەن كەڭ قوساق دۆلەت-ھە. ئۆز يېرىدە خەلق راۋا كۆرمەيدىغان ناخشىنى، گەپ قىلمايدىكەن دەپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويىۋەرگەنكەن -دە" دېگەن.

ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدە

خۇ جىنتاۋ نى قارشى ئالغىلى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ساقلاپ چارچىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ئەپەندى چىقىپ "ئالدىراش ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ بۇ يەرگە كەلگەن خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا رەخمەت، رەئىس خۇ جىنتاۋ ئاللىقاچان مىھمانخانىغا كىرىپ بولدى" دېگەن. كىشىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ خاپا بولۇشقان. بولۇپمۇ خىتاي مۇھاجىرلىرى بەك خاپا بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر سى "مەن بۇ كىشىلەرگە خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋېلىشقا ۋەدە بېرىپ، بۇ جايغا ئەكەلگەن ئىدىم، ئەمدى مەن بۇ ھېسابنى قانداق بېرىمەن؟" دېگەن ۋە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان.

شېنجىن شەھىرىدە ساقچى بولغان جاڭ فامىلىلىك بىر كىشى ئۆزى يالغۇز بىر پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ نامايىشقا چىققان ئىكەن. ئۇ كۆتۈرىۋالغان پىلاكاتقا "خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچىلارغا ئادەم ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن" دەپ يېزىلغان. بۇ كىشى ئەسلىدە مۇشۇ پىلاكاتنى خۇ جىنتاۋ غا كۆرسەتمەكچى بولغان. ئەمما خۇ جىنتاۋ بۇ يەرگە كەلمەي، مېھمانخانىغا ئارقا ئىشىكتىن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى تەنە قىلىپ "مانا قاچتى، ساقچى ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغان جايغا كەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ پىلاكاتنى كۆرسە، يۈزىنى نەدە قويىدۇ، .. ۋىجدانى ئازاپلانمامدۇ..." دېگەن.

فالۇنگوڭچىلار ۋە تېبەتلىكلەرنىڭ نامايىش قوشۇنى "خۇ جىنتاۋ غا لەنەت" ، "كوممۇنىست پارتىيىگە لەنەت"، دەپ شۇئار توۋلىغاندا، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تېلېفون ئارقىلىق ئادەم توپلاپ ھەركەتلىنىشكە باشلىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ساقچىلار تىنجىتقان. مۇشۇ كۈندە، ب د ت يىغىنىغا 170 نەچچە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ ئەتراپتا تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 4000 ساقچى قوشۇلغان. ھازىر بۇ جايدا جەمئىيەت تەرتىپى ياخشى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، فالۇڭگوڭچىلار بۇ جايدا نامايىشنى كېچىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىكەن. (ۋەلى)