خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونيي بلەيېردىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئەنگلىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خۇ جىنتاۋ ئەنگىلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گېرمانىيىگە كېلىش ھارپىسىدا گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېرلىن شەھىرىگە يىغىلىپ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلاڭ.