بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە ئۆزىنى قانداق تۇنۇتۇشىغا باغلىق
2006.04.17
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ.
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىچى ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى "خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇدا، ساغلام، مۇقىم تەرەققى قىلىش ياكى قىلالماسلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر مەسىلە" دەپ بايان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ سىياتىل شەھىرى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ 20 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولىدۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، 21 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ كانەكتىكەت شتاتىنىڭ نيۇخېۋىن شەھىرىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، خىتاينىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مۇھاجىرىنىڭ خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىش قوشۇنى نيۇ خېۋىن شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىنلا سەئۇدى ئەرەبىستانى، ماراكەش، نىگىرىيە ۋە كىنىيەلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.
ئاخشاش بولمىغان قاراشلار
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ سىياتۇل شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سىياتۇل شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىگە نىسبەتەن ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كۆز قاراشتا. بەزىلىرى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسۇن ئەپەندىنىڭ 1972 - يىلى ماۋزېدوڭ بىلەن قول ئېلىشقاندىكى رەسىمىنى كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. ئۇلار خىتاي بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ خىتاي مۇھاجىرى "بىز خۇ جىنتاۋغا قارشى تۇرمايمىز، بىز پەقەت مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىمىز. بىز خىتاينىڭ ئاۋات بولۇشىغا، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تىلەكداشمىز" دېگەن. يەنە بىر قىسىم خىتاي مۇھاجىرلىرى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇ خىتاي مۇھاجىرى "بىز بۇرۇن تەيۋەندىكى جۇڭخۇئا مىنگونى قوللايتتۇق، گومىنداڭ تەختتىن چۈشۈپ، چېن شۇيبيەن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشقا يۈزلەندۇق. ئەمدى بىز ھازىر ۋەتەننىڭ تەرەققى قىلىشىنى، كۈچلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەگەر ۋەتىنىمىز تەرەققى قىلمىسا، كۈچلەنمىسە، قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ چىقمىسا، بىز خىتايلار خەقنىڭ دۆلىتىدە بېشىمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيمىز" دېگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سانفراسېسكو شەھىرىنىڭ كوچىسىغا چىقىپ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەردىن دۇنيادىكى دۆلەت باشلىقلىرى ھەققىدە سۇئال سورىسا، كۆپىنچىسىنى ئېيتىپ بېرەلىگەن، ئەمما خۇ جىنتاۋنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن،
بۇ قېتىم ئامېرىكا خەلقى خۇ جىنتاۋنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىلىدۇ
سانفراسېسكو ئۇنىۋېرسىتېئىتىنىڭ پروفېسسورى كېلى ئەپەندى "خۇ جىتاۋنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت. بۇ قېتىم ئامېرىكا خەلقى خۇ جىنتاۋنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىمنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىنى سىنچىلاپ كۆرۈپ، گېپىنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى بىلىشى مۇمكىن. بۇرۇن دېڭ شاۋپىڭ كەلگەندە پادىچى قالپىقىنى كېيىپ، خەلق بىلەن سۆزلىشىپ، ئەمەلىي سۆز - ھەرىكىتى بىلەن خەلققە ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئەمدى خۇ جىنتاۋمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئامېرىكا خەلقىغە ئۆزى تۇنۇتۇشى كېرەك" دېگەن.
بوركلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پامپېر ئەپەندى "راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر ئامېرىكا خەلقى خىتايغا ئىشەنمەيدۇ، كۆپ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئارىلىشىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھەممە ئىش ئۇنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىگە باغلىق. ھازىر خۇ جىنتاۋ قايسى دۆلەتكە بارسا، ئۇ ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغانلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆز دۆلىتىدە خەلققە قارىتا قەبىھ سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى" دېگەن.
دەسلەپكى بىكەت
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېنخۇي گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 18 - ئاپرىل كۈنى سىياتۇل شەھىرىگە كەلگەندە، ئالدى بىلەن مايكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ باي بىل گەيتسنىڭ يۈز مىليون دوللارلىق تورالغۇسىدا كەچلىك زىياپەتتە بولۇپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىكەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ بىل گەيتسنىڭ زىياپىتىدە سۈرلىگەن مارجان توخۇ، سېرىق پىياز بىلەن پىشۇرۇلغان ۋاشىنگتون كالا گوشى، ئالاسكىنىڭ سەدەپ بېلىقى، كالا يېغىدا تەييارلانغان مېغىز پوشكىلى قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن لەززەتلىنىدىكەن. زىياپەتتە 'ستار بوكس قەھۋىسى' شىركىتىنىڭ بايۋەچچىلىرى ۋە باشقا مەشھۇر بايلار خۇ جىنتاۋ بىلەن بىللە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ بويىن ئايرۇپىلان شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ بويىن ئايرۇپىلانلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۈرۈپ تاماشا قىلىدىكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى
- گېرمانىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىراقلىشامدۇ؟
- گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خۇجىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، 5 - ئومۇمىي يىغىن ۋە "مۇقەددەس - 6"
- كانادا كونسۇلخانىسى خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئادەم ياللىغان