خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە
2006.04.19
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەپەندى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ماركسىزم -لېنىنىزم نەزىرىيىسى بويىچە ئېيتقاندا، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن كاپىتالىستلار خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك بىرگە تۇرالمايدىغان ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلەر بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبىرى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كاپىتالىستلار بىر جايغا جەم بولۇپ قىزغىن قوچاقلىشىدىغان ئىش 18-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ سىياتۇل شەھىرىدە يۈز بەردى. بۇنىڭدىكى بىر تەرەپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبىرى، پۈتۈن خەلقنى كاپىتالىستلارنى يوقىتىشقا، دۆلەت ئىچىدە بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاشقا ئىزچىل چاقىرىپ كېلىۋاتقان خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپ مايكروسوفت شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىل گەيتس، ستار باكس قەھۋىسى شىركىتىنىڭ خوجايىنى شورس، بوين ئايرۇپىلان شىركىتىنىڭ خوجايىنى مورلى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلار ، يەنى ئەڭ چوڭ كاپىتالىستلار ئىدى.
كاپىتالىستقاقول قويغان كوممۇنىزمچى ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبىرى خۇ جىنتاۋ كاپىتالىست بىل گەيتسنىڭ 'كومپيۇتېر دۇنياسى' نى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ چوڭ بايغا قايىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. خۇ جىنتاۋ سۆزىدە مايكروسوفتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى بىر ئىجادىيەت، بۇ يول پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن بۇنىڭغا قايىل بولىمەن. مەن ھازىر مايكروسوفت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىمىز ئۈچۈن خوشال بولماقتىمەن، دېگەن.
كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن كاپىتالىستلار بىر جايغا جەم بولغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى خانىم ئامېرىكىغا 16 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېلىپ كېلىپ، مال سېتىۋېلىش كېلىشمى تۈزۈش ئارقىلىق پۈتۈنلەي پۇل بىلەن تەييارلاپ چىققان ئىدى. گەرچە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى 'دۆلەت زىيارىتى' دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئالدى بىلەن ئامېرىكىغا كىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن كۆرۈشمەي، بەلكى ئالدى بىلەن سىياتۇل شەھىرىگە كېلىپ، ئۆزىنى كاپىتالىستلارنىڭ قوينىغا ئاتقانلىقى كىشىلەردە باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلمايمۇ قالمىدى.
خۇ جىنتاۋنى قارىشى ئېلىش
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ سياتۇل شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئامېرىكا بوين شىركىتىنىڭ سىرتقا ئېچىلمايدىغان ئايرۇدىرومىغا قونغان، ئەسلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 20 مىنۇت بۇرۇن يېتىپ كەلگەن. خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالىدىغان 500 گە يېقىن ئادەم، خۇ جىنتاۋ كېلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، يەنى ئەتىگەن سائەت 6 دىلا بۇ يېپىق ئايرۇدرومغا كىرىپ ساقلاپ تۇرۇشقا باشلىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالغىلى كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 60 تىن يۇقىرى. ئەمما كەيپىياتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
ئۆز مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇين شىركىتىنىڭ ئايرۇدىرومىدا، ئۆزىنى قارشى ئالغىلى كەلگەن كىشىلەرنى، مۇخبىرلارنى، ئەمما بۇ جايدا نامايىش قىلىدىغان ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ناھايىتى روھلۇق ھالدا، خىتاي رەھبەرلىرىدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر 'يېڭىلىق' نى يارىتىپ، ئالدى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىلىم ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز قىلغان. گەرچە بىلىم ھوقۇقىنى قوغداش دېگەن دۇنيا بويىچە چوقۇم رىئايە قىلىنىدىغان قانۇن بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋ ئۇنى خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى' دېگەن، شۇنداقلا ھازىر خىتايدا بىلىم ھوقۇقىنى قوغداش 'كۈچەيتىلىۋاتىدۇ' دەپ چۈشەندۈرگەن.
بىر خىتاي: مەن ھازىر ئامېرىكىلىقلارنى ياراتمايمەن
مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ سۆز قىلغان خې ۋېيچى خانىم 70 - يىللاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسۇن ئەپەندى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ماۋزېدوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ سىرتقا تاقالغان دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم خىتايدىن ئامېرىكىغا كېلىپ چامباشچىلىق گۇمپىسىنى كۆرسەتكەن ، ئاق ساراينى زىيارەت قىلغان، خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش -ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش باشلانغان ھامان يەنە ئامېرىكىغا كىلىپ قايتىپ كەتمەي تۇرۇپ قالغان كىشى ئىكەن. بۇ خانىمنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشى خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىكى رېئاللىقنى تېخى كۆرەلمەيۋاتقان بىر قىسىم خىتايلارنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خانىم ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتايدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات قىزغىنلىقى ئامېرىكىدىكى تەرەققىيات قىزغىنلىقىدىن يۇقىرى، بىز بۇرۇن ئامېرىكىغا كۆزىمىزنى يۇقىرىغا تىكىپ قارايتتۇق، ئامېرىكلىقلار بىزنى ياراتمايتتى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ كەينىدە قالدى، ئامېرىكىلىقلار ئەمدى بىزگە بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قارىمىسا بولمايدۇ. مەن ھازىر بۇلارنى ياراتمايمەن. مەن ھازىر خىتاينىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى كۆردۈم ، دېگەن
بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھەممە نەرسە ھەل بولمايدۇ
ئوز مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا جان خوپكىنس ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى خۇئاڭجىن ئەپەندى 'خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا چەتئەل مەبلىغى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، كىرىمىنىڭ 80% ئى تاشقى سودىدىن كىرگەن كىرىم. يەر -زېمىن سودىسىدىمۇ ئىقتىسادىي مازغاپ كۆپ، بىلىم ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش تېخىمۇ ئېغىر . بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نورمال ھادىسە ئەمەس' دەپ بايان قىلغان.
بۇ ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، بۇ جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىغا قارىتا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مال ئىمپورت قىلىشتا ئامېرىكا خىتايغىلا تايانمايدۇ. خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى تامامەن توختىتىپ قويۇپ باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىر . ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلىدىغان كىشىلەر قايسى جايدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شۇ جايلاردا خۇ جىنتاۋغا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ قويۇش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋ بۇنداق جايلاردىن ئۆتمىگەن، چۈنكى خۇ جىنتاۋ ئۆتىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسى پۇلغا سېتىلىپ بولغان. گەرچە ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەر يەنىلا 'خىتايدا پۈتۈن سىياسىي جىنايەتچىلەر قويۇپ بېرىلسۈن' دېگەن قەتئىي ئاۋازىنى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق سىرتقا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلار
- خۇ جىنتاۋ ھازىر ئامېرىكىدا "دۆلەت باشلىقى" سۈپىتىدە نورمال قارشى ئېلىنمايۋاتقان بىر دۆلەت باشلىقى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە ئۆزىنى قانداق تۇنۇتۇشىغا باغلىق
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى
- گېرمانىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىراقلىشامدۇ؟
- گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خۇجىنتاۋغا قارشى نامايىش قىلدى